ئە

ئەكسىيەتچى

①ئىسىم. ئىلگىرىلەشكە، ئىنقىلاب ئىشلىرىغا قارشى، ئاغدۇرۇلغان تۈزۈم تەرتىپلىرىنى ساقلاپ قېلىش، تىكلەش تەرەپدارى ياكى ئۇنىڭ قاتناشقۇچىسى. ②سۈپەت. ئىنقىلاب تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان سىنىپلارنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان، ئاغدۇرۇلغان سىنىپلارنىڭ ئىدىيىسىگە مەنسۇپ بولغان: ئەكسىيەتچى كۈچلەر.

ئەلھال

رەۋىش [ئەرەبچە] <يېزىق تىلى> ھازىر، مۇشۇ پەيتتە، ئەينى ۋاقىتتا: ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا ئەلھال بار بولغان بىلىمنى نەزەردە تۇتقان ھالدا جانلىق، قىزىقارلىق قىلىپ سۆزلىشى كېرەك.