ئە

ئەلھال

رەۋىش [ئەرەبچە] <يېزىق تىلى> ھازىر، مۇشۇ پەيتتە، ئەينى ۋاقىتتا: ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا ئەلھال بار بولغان بىلىمنى نەزەردە تۇتقان ھالدا جانلىق، قىزىقارلىق قىلىپ سۆزلىشى كېرەك.

ئەلەمزادە

سۈپەت [ئەرەبچە+پارسچە] <يېزىق تىلى> يۈرىكى دەرد-ئەلەمگە توشقان، ئەلەم چەككەن، دەرد-ئەلەم تارتقان: ئېرپان سۈيى ئەلەمزادىلەر قەلبىگە يەتسۇن، ئوقۇش ئۈچۈن كەتكەن ئىنىم مۇرادىغا يەتسۇن.

ئەمەن

ئىسىم <بوتانىكا> مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئۇ ئەتىيازدا شورلۇق يەرلەر ۋە ئېرىق بويلىرىدا بالدۇر ئۆسىدىغان ياۋا ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئاق ئەمەن ۋە قىزىل ئەمەن قاتارلىق تۈرلىرى بار. تېبابەتتە قاننى سوۋۇتۇش، يەلنى قايتۇرۇش رولى بار.