ئە

ئەس

ئىسىم ①ئادەمنىڭ بىلىش، پىكىر قىلىش قابىلىيىتى؛ ئاڭ، زېھىن، ھوش، ئەقىل: ئېسىنى يوقاتماق. ئېسىنى يىغماق. ئېسىنى تاپماق. ئېسىنى بىلمەك.*ئېسىڭ بارىدا ئېتەك ياپ (ماقال). ②يادىدا ساقلاش، يادقا ئېلىش قابىلىيىتى؛ ياد، خاتىرە: ئەستە تۇتماق. ئەستە قالدۇرماق. ئەسكە ئالماق. ئەسكە سالماق. ئېسىگە كەلمەك.

ئەسكىلەشمەك

پېئىل ①كونا، ۋەيرانە ھالەتكە كەلمەك، كونىرىماق: ھازىرقى بۇ مەكتەپ بىناسى ناھايىتى ئەسكىلىشىپ ئۆرۈلەي دەپ قالدى. ②كەپسىز، ئەدەپسىز، بىھايا بولماق، ئوساللاشماق: كىچىك بالىنى ئوقۇتماي كوچىغا قويۇۋەتسە ئۇزىمايلا ئەسكىلىشىپ كېتىدۇ.

ئەسلا

رەۋىش [ئەرەبچە] ①پەقەت، ھېچقاچان؛ زادى: بۇ گەپنى مەن ئەسلا دېمىدىم. ②ئەسلىدە، بۇرۇنىسىدا: بۇ تاغلار ئېگىز تاغلار، تېشى بار، توپىسى يوق، ئەسلا كۆيمىگەن يارنىڭ، دەردى بار ۋاپاسى يوق.

ئەسنەك

ئىسىم <فىزىئولوگىيە> ئۇيقۇسىرىغاندا ئېغىزنى چوڭ ئېچىپ چوڭقۇر نەپەس ئېلىش ۋە چىقىرىش نەتىجىسىدە، قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى كاربون تۆت ئوكسىدى كۆپىيىپ ۋە مېڭىدىكى نەپەسلەندۈرۈش مەركىزىنى غىدىقلاش ئارقىلىق پەيدا قىلىدىغان بىر خىل فىزىئولوگىيىلىك ھادىسە: ئۇنى بىردىنلا ئەسنەك تۇتتى.

ئەقىل، ئەقلى

ئىسىم [ئەرەبچە] ①ئىنساننىڭ بىلىش، پىكىر قىلىش قابىلىيىتى: ئەقىل ئىگىسى.*تۆگىدەك بويۇڭ بولغۇچە، تۈگمىدەك ئەقلىڭ بولسۇن (ماقال). ②پىكىر يۈرگۈزۈش، چۈشىنىش؛ پەم، ئىدراك: دېمەك بىز ئەقىل ئىشلەتسەكلا، ئۆز ئانىلىرىمىزنى خۇشال قىلالايدىكەنمىز. ③ئەس-ھوش، مېڭە: ئەقلىڭ جايىدىمۇ؟ ④مەسلىھەت، پايدىلىق چارە-تەدبىر: مۇھەممەت ئاكىسىغا بىر ئەقىل كۆرسەتتى.