پ

پىشماق

پېئىل ①ئۆسۈپ، راۋاجلىنىپ ئىستېمال قىلىشقا، ئىشلىتىلىشكە بولىدىغان، ياراملىق ھالغا كەلمەك؛ يېتىلمەك (مېۋەچېۋە، دانلىق زىرائەت ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلار ھەققىدە): پىشقان قوغۇن ساپىقىدا تۇرماس (ماقال). ②قورۇش، قاينىتىش، دۈملەش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىستېمال ئۈچۈن تەييارلانماق: تاماق پىشماق. *بەرمەسنىڭ ئېشى پىشماس، ئوچاق بېشىدىن چۈشمەس (ماقال). ③كۆچمە مەنىدىكى سۆز. بىرەر ئىشقا، ساھەگە تەجرىبىلىك بولۇپ يېتىلمەك: كەسىپكە پىشماق. ④كۆچمە مەنىدىكى سۆز. چېنىقماق، تاۋلانماق: بەختىيار سۆزلەۋېتىپ، ئەمگەكتە پىشقان قاتمال قوللىرى بىلەن سائادەتنىڭ پاختىدەك ئاق، يۇمشاق قوللىرىنى ئاستا تۇتتى. ⑤كۆچمە مەنىدىكى سۆز. قارار قىلماق، بىرلىككە كەلمەك (مەسلىھەت ھەققىدە): شۇ كېچىدە مەسلىھەت پىشتى، چېرىكلەر تاڭ ئاتقاندا جەڭگە ئاتلىنىشقا پەرمان بېرىلدى. ⑥كۆچمە مەنىدىكى سۆز. يېتىپ كەلمەك؛ ھازىرلانماق (ۋاقىت، پەيت، شەرت شارائىت ھەققىدە): شەرت-شارائىتى پىشماق. ⑦كۆچمە مەنىدىكى سۆز. سىڭىش بولۇپ قالماق،...

داۋامىنى ئوقۇڭ!

پىلانسىز

سۈپەت ①پىلان بىلەن ئىش قىلمايدىغان، پىلانى يوق: پىلانسىز ئادەم. پىلانسىز بالا. ②پىلانغا ئاساسلانمىغان، ئالدىن پىلان قىلمىغان: پىلانسىز ئىگىلىك. *پىلانسىز ئىش يوق ئىش (ماقال).

پىلە قۇرتى

<زوئولوگىيە> بىر خىل ھاشارات. لىچىنكىسى ئاقۇچ كۈل رەڭ بولىدۇ؛ ئۈجمە يوپۇرمىقىنى يەيدۇ، تۆت قېتىم تېرە تاشلايدۇ؛ مەشۈت چىقىرىپ غوزەك ھاسىل قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئىچىدە قۇرتقا ئايلىنىدۇ؛ قۇرتى پىلە پەرۋانىسى بولۇپ چىقىدۇ، پەرۋانىسى چېتىشىپ تۇخۇم سالغاندىن كېيىن ئۆلۈپ كېتىدۇ. لىچىنكىنىڭ چىقارغان مەشۈتى توقۇمىچىلىقنىڭ مۇھىم خام ئەشياسى ھېسابلىنىدۇ.

پۇچۇقلىماق

پېئىل. پۈتۈن نەرسىنىڭ بىرەر يېرىنى سۇندۇرماق، پۇچۇق ھالەتكە كەلتۈرمەك، ئۇشتۇماق: ئۆي ئىگىسى مېھمانلارغا:-قېنى، مېھمانلار، چايغا باقايلى،-دېگەچ، لېگەندىكى ناننى پۇچۇقلىدى.