پ

پالاس

① ئىسىم [پارسچە] ئومۇمەن يەرگە، كارىۋاتقا سېلىنىدىغان، يۇڭ ياكى پاختا يىپلىرىدىن توقۇلغان، گىلەم ئورنىدا ئىشلىتىلىدىغان بۇيۇم. ②تەقلىد سۆز. ئادەملەرنىڭ مېڭىش ھەرىكىتىنىڭ كېلەڭسىز ھالىتى.

پالاكەت

[ئەرەبچە] ① ئىسىم. كىشىلەرنىڭ ئىختىيارىدىن، ئىرادىسىدىن تاشقىرى؛ ئۇشتۇمتۇت، كۈتۈلمىگەندە يۈز بېرىدىغان كۆڭۈلسىز ھادىسە؛ بەختسىزلىك؛ بالا-قازا؛ ئاپەت: پالاكەت باسماق. *خۇشال بولغاندا كۆزگە پالاكەت كۆرۈنمەس (ماقال). ②سۈپەت. كۆچمە مەنىدىكى سۆز. چاققان ئەمەس، لەقۋا، لايغەزەل، ئېپى يوق؛ كېلەڭسىز: ئايۇپ ئاكىنىڭ ئوغۇللىرى پالاكەترەك يىگىتلەردىن ئىدى.

پانئىدراكچىلىق

ئىسىم <پەلسەپە> مەۋجۇدىيەت بىلەن تەپەككۇرنىڭ بىرلىكى توغرىسىدىكى ئىدېئالىستىك نەزەرىيە. پانئىدراكچىلىق تەبىئەت دۇنياسى بىلەن جەمئىيەتنىڭ پۈتكۈل تەرەققىياتى «ئالەم روھى» نىڭ ئەقلى، لوگىكىلىق پائالىيىتىنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت دەپ قارايدۇ.

پايان، پايانى

①ئىسىم [پارسچە] جاي، مۇساپە، يول قاتارلىقلارنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسى؛ چېگرىسى: زەپ ئوخشىغان بۇغداينىڭ پايانى ھېچ كۆرۈنمەس؛ كېچەكۈندۈز قۇندۇزنىڭ ھارغىنلىقى بىلىنمەس. ②ئىش-ھەرىكەت، گەپسۆز، ۋەقە ھادىسىلەرنىڭ ئاخىرى؛ داۋامى: بىلمىدىم كۈلپەتنىڭ بارمۇ پايانى، ئالەمگە ھەمراھكەن ئادەم پىغانى. ③كۆچمە مەنىدىكى سۆز. ھېس تۇيغۇ، كەچۈرمىش قاتارلىقلارنىڭ چېكى؛ ئاخىرى: تارقىلىپتۇ ئاخشامقى تۈن تۇمانى، ئېقىن بىلەن بىللە ئۈزدۈم باھاردا، بۇ ئېقىنغا ئىشقىمنىڭ يوق پايانى، ئۇ ئاققان جاي بولغاچ قەلبىم ماكانى.