پ

پىلپىل

ئىسىم [پارسچە] <بوتانىكا> قارىمۇچ ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق پېلەك غوللۇق ئۆسۈملۈك. مېۋە باشىقى تېبابەتچىلىكتە دورا قىلىنىپ، سوغۇقتىن بولغان قورساق ئاغرىش، قۇسۇش، ئىچ سۈرۈشنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ.

پىندەك

سۈپەت. پاكار، پەتەك: ئۇ ماڭا ئۆزىگە بوي تۇرقى تەڭ ياكى چوڭراق بالىلاردىن بىرەرنى بەلگىلىمەي، سىنىپ بويىچە ھەممىدىن كىچىك بىر «پىندەك» نى بەلگىلەپ قويۇشقانلىقىغا خاپا بولاتتى.

پۆپۈك

ئىسىم ①نەرسىلەرنى بېزەش ئۈچۈن قادىلىدىغان بىر باغلام يىپ ياكى تالا-تالا قىلىپ كېسىلگەن قەغەز ۋە رەخت ياكى رەڭدار قۇش پېيى: دوپپىنىڭ پۆپۈكى. ②بىرەر نەرسىنىڭ بىر ئۇچىغا ياكى چۆرىسىگە تۇتۇلغان ياكى ئۆزىدىن ئىشلەنگەن تالالار: قامچىنىڭ پۆپۈكى. نەيزىنىڭ پۆپۈكى. لەۋھەنىڭ پۆپۈكى. ③قۇشلارنىڭ بېشىدىكى پۆپۈك شەكلىدە بىرئاز ئېگىز ئۆسكەن تۈكلىرى: دەمدەرنىڭ پۆپۈكى. تۇخۇنىڭ پۆپۈكى. ④بەزى زىرائەتلەر ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يوپۇرماق چىقىرىش توختىغاندىن كېيىن ئۆسۈپ چىقىدىغان پۆپۈككە ئوخشاش قىسمى: قوناقلار تەكشى پۆپۈك چىقاردى.

پۇچقاق

①ئىسىم. ھەر خىل پارچە-پۇرات تېرە پۇرۇچلىرى: پۇچقاق جۇۋا. ②سۈپەت. مەللە رەڭ، ئالىتاغىل: پۇچقاق مۈشۈك. ③ئىسىم. ئىشتاننىڭ تىزدىن تۆۋەن تۇرىدىغان قىسمى: ئىشتاننىڭ پۇچقىقى. پۇچقاقنى تۈرمەك. ④چەت، ياقا: بۇلۇڭ-پۇچقاق.

پۇرقۇماق

پېئىل ①سۇ ياكى باشقا نەرسىلەرنى ناسوس قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن چاچماق: ئۇ بىكار بولسىلا گۈللەرگە سۇ پۇرقۇيتتى. ②ئات، ئېشەكلەر بوغۇز يېگەندە گېلىدا تۇرۇپ قالغان داننى ياندۇرۇش ئۈچۈن بۇرنىدىن ئاۋاز چىقىرىشىغا ئېيتىلىدۇ: چىلان تورۇق ئات بوغۇز يەۋېتىپ، پات-پاتلا پۇرقۇپ قوياتتى.