ئىسىم [پارسچە] ①<بوتانىكا> سىر دەرىخى ئائىلىسىدىكى ئېگىز ئۆسىدىغان چوڭ دەرەخ. مېغىزى دورا قىلىنىدۇ؛ بۆرەكنى ئىسسىتىپ، مۇسبەتلىككە ياردەم بېرىدۇ؛ ئىشتىھانى ئېچىپ ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ. ②شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى. ③<زوئولوگىيە> ئىتنىڭ بىر سورتى، تېنى كىچىك، تۈكلىرى ئۇزۇن، پۇتى قىسقا بولىدۇ، كىشىلەر تاماشا قىلىش ئۈچۈن باقىدۇ. «خورخور» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.