پ

پىششىق

①سۈپەت. پىشىپ يېتىلگەن، پىشقان (مېۋەچېۋە ۋە دانلىق زىرائەتلەر ھەققىدە): پىششىق تاۋۇز. *پەتتار بوۋاي، نەۋرىسى ئەكىرىپ بەرگەن پىششىق قوغۇننى كاسا قىلىپ ئىشتىھا بىلەن يەۋاتاتتى. ②سۈپەت. پىشۇرۇلغان، خام ئەمەس، پىشقان: پىششىق خىش. پىششىق گۆش. ③سۈپەت. كۆچمە مەنىدىكى سۆز. بىرەر ئىش ياكى ھەرىكەتنى قىلىشقا ماھىر، ئۇستا:-ئۇ كەسىپتە پىششىق، سەۋىيىسىمۇ يۇقىرى، ئۇ خۇددى تۇپا ئاستىدا بېسىلىپ قالغان ئالتۇن،-دېدى. ④رەۋىش. پۇختا؛ مۇكەممەل؛ تولۇق؛ راۋان؛ ياخشى: يېرىم سائەتتىن كېيىن بالىلار بۇ ناخشىنى خېلى پىششىق ئۆگىنىۋالدى. ⑤سۈپەت. يىپتىن-يىڭنىسگىچە، تەپسىلىي، تولۇق: يېزا باشلىقى بۇ جاينىڭ ئەھۋالىنى پىششىق بىلىدىغان دېھقانلار بىلەن يەنە بىر قېتىم سۆزلىشىپ چىقتى. ⑥سۈپەت. كۆچمە مەنىدىكى سۆز. مولھوسۇللۇق، مۇنبەت: پىششىق يەر. ⑦سۈپەت. كۆچمە مەنىدىكى سۆز. باشقىلارغا بىرنەرسە بەرمەيدىغان؛ بېخىل: پىششىق ئادەم. ⑧سۈپەت. كۆچمە مەنىدىكى سۆز. پۇختا،...

داۋامىنى ئوقۇڭ!

پىلپىل

ئىسىم [پارسچە] <بوتانىكا> قارىمۇچ ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق پېلەك غوللۇق ئۆسۈملۈك. مېۋە باشىقى تېبابەتچىلىكتە دورا قىلىنىپ، سوغۇقتىن بولغان قورساق ئاغرىش، قۇسۇش، ئىچ سۈرۈشنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ.

پىندەك

سۈپەت. پاكار، پەتەك: ئۇ ماڭا ئۆزىگە بوي تۇرقى تەڭ ياكى چوڭراق بالىلاردىن بىرەرنى بەلگىلىمەي، سىنىپ بويىچە ھەممىدىن كىچىك بىر «پىندەك» نى بەلگىلەپ قويۇشقانلىقىغا خاپا بولاتتى.

پۆپۈك

ئىسىم ①نەرسىلەرنى بېزەش ئۈچۈن قادىلىدىغان بىر باغلام يىپ ياكى تالا-تالا قىلىپ كېسىلگەن قەغەز ۋە رەخت ياكى رەڭدار قۇش پېيى: دوپپىنىڭ پۆپۈكى. ②بىرەر نەرسىنىڭ بىر ئۇچىغا ياكى چۆرىسىگە تۇتۇلغان ياكى ئۆزىدىن ئىشلەنگەن تالالار: قامچىنىڭ پۆپۈكى. نەيزىنىڭ پۆپۈكى. لەۋھەنىڭ پۆپۈكى. ③قۇشلارنىڭ بېشىدىكى پۆپۈك شەكلىدە بىرئاز ئېگىز ئۆسكەن تۈكلىرى: دەمدەرنىڭ پۆپۈكى. تۇخۇنىڭ پۆپۈكى. ④بەزى زىرائەتلەر ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يوپۇرماق چىقىرىش توختىغاندىن كېيىن ئۆسۈپ چىقىدىغان پۆپۈككە ئوخشاش قىسمى: قوناقلار تەكشى پۆپۈك چىقاردى.