پ

پۇچۇق

سۈپەت ①پارچىلانغان، ئۇچۇپ كەتكەن؛ سۇنغان: پۇچۇق چىنە. ②پۈتۈن ئەمەس، يېرىم: پۇچۇق نان. *ئەخمەت ۋە نۇردۇن ئەنە شۇ بىر زاغرىنى پۇچۇقتىن يېدى. ③پاناق، ماكچايغان، كەمتۈك: بۇرنى پۇچۇق. *دورامچۇقنىڭ ئاغزى پۇچۇق (ماقال).

پۇرژىنا

ئىسىم [رۇسچە] ھەر خىل ماشىنا ۋە مېخانىزملارغا ئورنىتىلغان، سىرتقى كۈچنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى بىلەن يىغىلىپ قىسقىرايدىغان ياكى ئۇزىرايدىغان ھەمدە ئۇزىرىغاندىن كېيىنمۇ ئەسلىي ھالىتىگە قايتالايدىغان بۇرىما شەكىللىك قاتتىق جىسىم. ئۇ ئادەتتە قېتىشما پولاتتىن ياسىلىدۇ.

پۇڭلۇق

①سۈپەت. كۆلىمى پۇڭغا باراۋەر كېلىدىغان، پۇڭ چوڭلۇقىدا: بۇ ئىككى پۇڭلۇق بۇغداي يېرى ئىدى. ②سۈپەت. پۇڭ قىممىتىدىكى، پۇڭغا تەڭ: ئىككى پۇڭلۇق پۇل. *ئۇ يانچۇقىدىن بىر دانە بەش پۇڭلۇق مېتال پۇلنى ئالدى.