پ

پىرىق

①تەقلىد سۆز. كۈلگەندە دىماغتىن چىقىدىغان ئۈزۈكۈزۈك ئاۋاز: زەيتۇنەم «پىرىق» قىلىپ كۈلدى. ②سۈپەت. پوستى سولىشىپ، تەركىبىدىكى شىرنىسى تەمسىز سۇغا ئايلانغان (ئۈزۈم ھەققىدە): پىرىق ئۈزۈم.

پىستىرما

ئىسىم <ھەربىي ئىشلار> توساتتىن ھۇجۇم قىلىش ياكى مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن پايدىلىنىدىغان يوشۇرۇن قۇرۇلما، جاي: ئۇلار جىلغا ئىچىدە تاشلاردىن ئىستىھكام ياسىدى. ھامۇت باشچىلىقىدا ئالتە نەپەر جەڭچىنى پىستىرمىغا ئەۋەتتى. // پىستىرما قوشۇن.

پىلانچانلىق

ئىسىم. پىلان بىلەن ئىش قىلىش ۋە شۇنداق ئىش قىلىدىغان ئادەت: پىلانچانلىقنى كۈچەيتىپ، بازارنى تەكشۈرۈش ۋە ئالدىن مۆلچەرلەش ئىشىنى كۈچەيتىپ، قارىسىغا ئىش قىلىشنى تۈگىتىشىمىز لازىم.