پ

پىۋا

ئىسىم [رۇسچە] ئارپىغا ياۋا قۇلماق ياكى قۇلماق قوشۇپ، ئېچىتىپ ئىشلىنىدىغان بىر خىل ئىچىملىك. ئۇنىڭ كۆپۈكى ۋە ئۆزىگە خاس ئالاھىدە بىر خىل پۇرىقى بولىدۇ؛ تەمى سەل قىرتاق، ئىسپىرت مىقدارى نىسبەتەن ئاز بولىدۇ: پىۋا ئىچمەك.

پۇر

①تەقلىد سۆز. قۇشلار ئۇچقان چاغدا قانىتىنىڭ ھاۋادا ھەرىكەتلىنىشىدىن ھاسىل بولغان ئاۋاز: ئۈزۈمگە قونغان بىر توپ قۇشقاچلار «پۇر» قىلىپ ئۇچۇپ كەتتى. ②رەۋىش [پارسچە] تولغان، تارقالغان، يېيىلغان، بىركەلگەن ھالەت: ئالەمگە پۇر كەتمەك.