شېرىنگۈل يۇنۇس 1989- يىلى 12- ئايدا قومۇل شەھەرلىك پالۋانتۇر يېزا دۆربەجىن يوقىرى مەھەللە كەنتىدە دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىزنى قومۇلدا تاماملاپ، 2006- يىلى بېيجىڭ چاڭپىڭ 2- ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئۆتكەن. 2010- يىلى ئەلا نەتىجە بىلەن شەرقى شىمال ئورمانچىلىق ئىنىستىتوتىنىڭ باغۋەنچىلىك فاكولتىتىغا قوبۇل قىلىنىپ، 2014- يىلى 7- ئايدا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قومۇلغا قايتىپ كەلگەن. شېرىنگۈل ئاتا-ئانىسىنىڭ ياخشى تەربىيەسى ۋە ئوقۇتقۇچىسى تۇرسۇنجان ئىسھاقنىڭ تەسىرىدە، كىچىكىدىنلا خەتتاتلىققا ۋە رەسىم سىزىشقا ئالاھىدە ئىشتىياق باغلىغان بولۇپ، 2003-يىلى تەتىل مەزگىلىدە ئۇستازى ئەسەت مۇھەممەتنىڭ يېتەكچىلىكىدە خەتتاتلىقنىڭ دەسلەپكى ئاساسىنى تىكلىگەن.
قومۇلدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە بىر قانچە پارچە ھۆسىنخەت ئەسىرى ئاپتۇنوم رايون، ۋىلايەتلىك مۇسابىقىلەردە ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن، تولۇق ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىنمۇ خەتتاتلىققا بولغان قىزىقىشى قىلچە سۇسلاپ قالمىغان.
2013- يىلىدىن باشلاپ، ئېنتىرنىت تورىدا بىر قىسىم ياش خەتتاتلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ خەتتاتلىققا بولغان بىلىمىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرغان. خەت مەشىقىنى كۈچەيتىپ، نۇرغۇن ياخشى ئەسەرلەرنى ئىشلەپ چىققان. 2014- يىلى 3- ئايدا ئۇنىڭ بىر قىسىم ھۆسىنخەت ئەسەرلىرى تۇنجى قېتىم بايقاش ئۈندىدار سالونى خەتتاتلار مەخسۇس سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنىپ، كەڭ تورداشلارنىڭ شۇنداقلا خەتتات ئۇستازلارنىڭ يوقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن. شېرىنگۈل ھازىر ئارام كۈنلىرىدىن پايدىلىنىپ خەتتاتلىق كۇرسى ئېچىپ، خەتتاتلىققا قىزىقىدىغان بالىلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ كەلمەكتە.














