ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى

ئادەتلەنمەك

پېئىل. بىرەر ئىش-ھەرىكەتنى ئادەت قىلماق، ئادەتكە ئايلاندۇرماق؛ بىرنەرسىگە ئۆگىنىپ قالماق: ئۇ قالۇن چېلىش ماھىرى بولۇپ، مۇقامنى قالۇن چېلىپ تۇرۇپ ئېيتىشقا ئادەتلەنگەن.

ئارچا 1

ئىسىم <بوتانىكا> ئارچا ئائىلىسىدىكى دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان دەرەخ. ئېگىز ئۆسىدۇ، كىچىك شاخلىرى تۈز، تۆۋەنگە ساڭگىلاپ تۇرىدۇ: يوپۇرمىقى تەڭگىچە شەكلىدە بولۇپ مېۋىسى شارسىمان، ياغىچى پۇراقلىق ھەم بەك چىڭ بولىدۇ؛ قۇرۇلۇشقا ماتېرىيال قىلىنىدۇ.

ئارىلىماق

پېئىل ①ئارىسىدىن، ئوتتۇرىسىدىن، ئىچىدىن ئۆتمەك، ئايلانماق، كەزمەك؛ كۆزدىن كەچۈرمەك: باتۇر قاتار ئورۇندۇقلارنى ئارىلاپ ئۆتۈپ، يولۋاس شۇجىنىڭ قېشىغا كەلدى. ②چېتىلما رەۋىشداش شەكلىدە كېلىپ «مەلۇم ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈپ، ئاندا-ساندا، بەزى-بەزىدە» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ: ئۇسسۇلچىلار ئۇسسۇل ئويناشتى، ئارىلاپ تانسىغا چۈشكۈچىلەرمۇ بولدى .③ئاجراتماق، توسماق، بېسىقتۇرماق: ئىدرىس غ سۇلايماننىڭ ياقىسىغا ئېسىلدى. بۇ ۋاقىتتا ياقۇپ يۈگۈرۈپ كېلىپ، ئۇلارنى ئارىلىدى.