ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى

ئاسماق-ئاسماق

توپ-توپ، غۇژمەك-غۇژمەك مېۋىلىگەن؛ ھەربىر ساپاق ياكى بېغىدىكى مېۋىلىرىنىڭ سانى كۆپ: ھويلىدىكى بىر تۈپ ئالما دەرىخى شۇنچە يوغىنىغان بولۇپ، ئاسماق-ئاسماق ئالىملىرى كۆزنى قاماشتۇراتتى.

ئاش

1. ئىسىم [پارسچە] ①قازاندا پىشۇرۇلغان تاماق؛ غىزا، يېمەكلىك: ئىش بار يەردە ئاش بار (ماقال). ②پولۇ، قويۇقئاش: بىز ئاش دەم يېگۈچە، باغقا كىرىپ ئايلىنىپ چىقتۇق. ③ئۇن چىقىرىلىدىغان دانلىق زىرائەت: بەشىنچى ئايدا بېشىنى كۆردۈم، ئالتىنچى ئايدا ئېشىنى (ماقال).

2. ئىسىم. تېرىنى ئاشلاش ئۈچۈن ئۇن، تۇز ۋە سۇنى ئارىلاشتۇرۇپ، ئېچىتىپ تەييارلانغان ئۇماچ.

ئاشكارىلىق

ئىسىم ①ئېنىقلىق، ئوچۇقلۇق، ھەممىگە ئايان، ئوچۇق بولغان ھالەت. <②بىئولوگىيە> ئارىلاش زىگوتادىكى بىر خىل ئىرسىيەتنىڭ ئىپادىلىنىشى، ئۇنىڭ ئىپادىلىنىش تىپىدە ساپ زىگوتا پەرقلەنمەيدۇ.

ئاغرىق

①ئىسىم <تېبابەت> كېسەللىنىش، چارچاش ياكى جاراھەتلىنىش نەتىجىسىدە سېزىلگەن جىسمانىي ئازاب: ئاغرىقنى يوشۇرساڭ ئۆلۈم ئاشكارا (ماقال). ②سۈپەت. ئاغرىغان، كېسەل بولغان: ئاغرىق بالا. ③ئىسىم. بىمار، كېسەل، ساقسىز كىشى: تۇرمىغان مېھماننىڭ كەتكىنى ياخشى، ساقايمىغان ئاغرىقنىڭ ئۆلگىنى ياخشى (ماقال). ④ئىسىم. كۆچمە مەنىدىكى سۆز. روھىي ئازاب، دەرد-ئەلەم، ئازاب-ئوقۇبەت: يار مەھەللىسى يىراق ئەمەس يولى بارمىكىن، يار ئاغرىقى بولۇپ قالدىم دورا بارمىكىن.