ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى

ئاق تەنلىكلەر

<ئىرق> دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ ئىرقنىڭ بىرى، تېرىسى ئاق، چېچى يۇمشاق ھەم دولقۇنسىمان، قاڭشارلىق كېلىدۇ، ياۋروپا، ئامېرىكا قىتئەلىرى ۋە ئاسىيانىڭ غەربى ۋە جەنۇبىدا ياشايدۇ.

ئاككۇمۇلياتسىيە

ئىسىم [لاتىنچە] چۆكۈندىنىڭ توپلىنىشى يەنى يەر يۈزىدىكى ئاقار سۇ، مۇزلۇق، شامال ۋە باشقا گېئولوگىك كۈچلەر تەسىرىدە مېنىرال ھەم ئورگانىك چۆكۈندىلەرنىڭ توپلىنىش ھادىسىسى.

ئاگاھلاندۇرماق

①«ئاگاھلانماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:-بىرنەرسىنى كۆرمىسەم ۋە ئاڭلىمىسام سىزنى ئاگاھلاندۇرماس ئىدىم، -دېدى ئابىت ئىشەنچ بىلەن. ②سەگەكلەشتۈرمەك، پەخەس بولۇشقا ئۈندىمەك:-ھەي ئەخمەق، كېيىن پۇشايمان قىلىپ قالىسەن. . . ! -دەپ ئاگاھلاندۇردى باغۋەن ئۇنىڭغا كۆيۈنۈپ.

ئالا

سۈپەت ①ئاق-قارا، ئاساسەن ئاق بىلەن باشقا رەڭنىڭ ئارىلىشپ كېلىشىدىن ھاسىل بولغان (ھايۋانلار ھەققىدە): ئالا ئات. ئالا كالا. *ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە، ھايۋاننىڭ ئالىسى تېشىدا (ماقال). ②ھەر خىل رەڭلىك ياكى يوللۇق؛ چىپار: ئالا بەقەسەم. ئالا كۆڭلەك. ئالا بالداق. ③كۆچمە مەنىدىكى سۆز. باراۋەر، تەكشى ئۈنۈپ چىقمىغان، شالاڭ؛ بىر يەردە بار، بىر يەردە يوق: ئالا بۇغداي. ④بىر خىل ئەمەس، يامان: ئالا كۆڭۈل. ئالا نىيەت.