داڭلىق رەسسام غازى ئەمەت ئەپەندى 1935-يىلى قەشقەر شەھرىنىڭ قوغان (ھازىرقى نەزەرباغ) يىزىسىدا دىنى زات ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئاتىسى ئەخمەت قازىئاخۇنۇم ئۇقۇمۇشلۇق ئادەن بولغاچقا غازى ئەمەتنى ئەتراپلىق تەربىيلىگەن، 1946-يىلىدىن 1950-يىلغىچە دىنى بىلىم ئالغان. كىچىكىدىن رەسىم سىزىشقا، رەسساملىققا ھەۋەس قىلىپ كەلگەن غازى ئەمەت بالىلىق ۋاقىتلىرىدىلا رەسىم سىزىپ باشقىلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان. غازى ئەمەت 1952-يىلى قەشقەر سىفەن مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ شۇ مەكتەپكە كىرگەندىن كىيىن ئۆز تالانتىنى نامايەن قىلىپ رەسساملىق ساھەسىگە چۇڭقۇر ئۇل سالغان. ئۇ 1954-شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ رەسىم فاكولتىتىغا قوبۇل قىلىنغان ۋە ئۇ يەردىمۇ تىرىشىپ رەسىم ئىجادىيىتىگە كۆپ ئەجىر سىڭدۈرۈپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن مەشىق قىلغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن شۇ مەكتەپتە ئىشلىگەن.
غازى ئەمەت جۇڭگۇ رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ دائىمى ھەيئەت ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ مۇدىرى، پىرافىسور، شىنجاڭ ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەت دەرىجىلىك ئاتاقلىق رەسسام. 1954-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى تەرىپىدىن «غازى ئەمەت رەسىملەر توپلىمى» دىگەن كىتابى نەشىر قىلىنغان. رەسسام غازى ئەمەت ئەپەندىنىڭ «جىنايى ھۆكۈم» ناملىق ئىجادىيىتى جۇڭگۇ رەسىم سارىيىدە ساقلىنىۋاتىدۇ. 1982-يىلى پارىژدا كۆرگەزمىگە قويۇلغان «مەھمۇد قەشقەرى» ناملىق ئەسىرى بېيجىڭ مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيىدا ساقلىنىۋاتىدۇ.
























