خالمۇرات غوپۇر

خالمۇرات غوپۇر

خالمۇرات غوپۇر 1960-يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇ كىچىكىدىن خەنزۇ تىلى مەكتىپىدە ئوقۇغان. 1982- يىلى ئەلا نەتىجە بىلەن شاڭخەي جۇڭيى ئىنىستىتوتىنى پۈتتۈرگەن. مەكتەپ تەشكىلى ئۇنى مەكتەپكە ئېلىپ قېلىشنى قارار قىلغان بولسىمۇ قان-قېنىغا سىڭىپ كەتكەن ئانا يۇرت سۆيگۈسى، شىنجاڭ بىلەن شاڭخەي ئوتتۇرسىدىكى مەدەنىيەت، ئىقتىساد ۋە باشقا جەھەتلەردىكى چوڭ پەرىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن ئۇ يەنىلا ئۆز يۇرتىغا- تەڭرىتاغ ئېتىكىگە قايتىپ كەلدى. خالمۇرات غوپۇر قايتىپ كەلگەندىن كېيىن تەشكىلنىڭ تەقسىماتىغا ئاڭلىق بويسۇنۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيى دوختۇرخانىسىغا ئورۇنلاشتى. مەكتەپ دەرۋازىسىدىن ئەمدىلا چىقىپ، جەمئىيەتتىن ئىبارەت بۇ شاۋقۇنلۇق دەرياغا شۇڭغۇغان خالمۇرات غوپۇر ئەمەلىي خىزمەت داۋامىدا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدى. خىزمەت داۋامىدا ئۇ بىلىم سەۋىيىسىنى داۋاملىق يېڭىلىمىسا بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ 1985- يىلى شىنجاڭ تىببىي ئىنىستىتوتى غەرپچە داۋالاش نەپەس يولى ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇيدىغان ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتى. ئوقۇش جەريانىدا ئۇ ئىنگلىزتىلى ۋە روس تىلىنى ئۆزلىكىدىن ئۆگەندى. 1988- يىلى ئۇ دۆلەت مائارىپ كومىتېتى تەرىپىدىن ئېلىنغان چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى لېنىنگىراد تىببىي ئىنىستىتوتىغا كاندىدات دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىنى ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇشقا باردى. ئۇ 1983- يىلى جۇڭگو-سوۋېت ئوتتۇرسىدىكى ئوقۇغۇچى ئالماشتۇرۇپ ئوقۇتۇش كېلىشىمى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن بارغان تۇنجى جۇڭگولۇق شۇنداقلا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىدى.

1993-يىلدىن باشلاپ سان-پېتېربۇرگ تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتى دوكتۇر يېتەكچىسى، شاڭخەي جۇڭيى دورىلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى كاندىدات دوكتۇر يېتەكچىسى، شىنجاڭ جۇڭيى ئىنىستىتوتىنىڭ پروفېسىسورى، خەلىقئارا ئەنئەنىۋى مىدېتسىنا جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ مىللىي تېبابەتچىلىك ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى بولغان. جۇڭيىنىڭ «خەپرۇك بولمىسا دىمى سىقىلمايدۇ» ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ «نەزلىلىك زىققىنى داۋالاش نەزەرىيىسى» ۋە مىدېتسىنادىكى «نەپەس يولىدىكى ئاستا خاراكتىرلىك كېسەللىكلەر نەزەرىيىسى» گە ئاساسلىنىپ «زىققىدىكى بىئولوگىيىلىك كەملىك نەزەرىيىسى» نى ئوتتۇرغا قويغان. بۇ نەزەرىيە ئاساسىدا زىققا 1- نومۇرلۇق دورىسىنى ياساپ چىقىپ، كلىنكىدا داۋالاپ كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشكەن. چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقاندا «جۇڭگو تىبابەتچىلىكىدىكى سىر»، «جۇڭيى دورىلىرى ۋە كانايچىدىكى زىققا كېسىلى» قاتارلىق بەش پارچە ئەسەر يازغان، بۇلار مۇستەقىل دۆلەتلەر گەۋدىسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تىببىي ئالىي مەكتەپلىرىدە سىناق دەرىسلىكى قىلىنىپ قوللىنىلغان. دۆلەت ئىچىدە جۇڭيى، ئۇيغۇر تىبابىتى، مىدېتسىنانى بىرلەشتۈرۈش نەزەرىيىسىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرغا قويۇپ، شىنجاڭدىكى ئۈچ تەرەپنى بىرلەشتۈرگەن تەتقىقات ئورنى ۋە داۋالاش مەركىزىنى قۇرۇپ چىققان. بۇرۇن بىر نەچچە دۆلەتلىك تەتقىقات تېمىسى بىلەن شۇغۇللانغان، روسىيە، گېرمانىيە بىلەن ھەمكارلىشىپ «ئاسپىرىن زىققا» تەتقىقاتىنى ئېلىپ بارغان ھەمدە چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيلىگەن.


خالمۇرات غوپۇر خەلقئارا ئالىي مائارىپ پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى بولدى

شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى خالمۇرات غوپۇر مۇرەككەپ كېسەللىكلەرنى جۇڭيى-غەرب-ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنى بىرلەشتۈرۈپ تەتقىق قىلىشتەك يېڭى ساھەنى ئېچىپ، ئېلىمىز ۋە ئەتراپتىكى ئەللەرنىڭ ئەنئەنىۋىي تېبابەتچىلىكىنى تېببىي ئىلىم-پەن بىلەن بىرلەشتۈرۈش تەتقىقاتى ۋە مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىغا زور تۆھپە قوشقانلىقى ئۈچۈن، يېقىندا خەلقئارا ئالىي مائارىپ پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكلىكىگە سايلىنىپ، ئېلىمىزدىن چىققان ئاكادېمىكلەر گۇ چاۋخاۋ، جاۋ داپېڭلاردىن كېيىن 12-بولۇپ مەزكۇر كاتتا شەرەپكە ئېرىشكەن ئالىم بولۇپ قالدى.

خالمۇرات غوپۇر

ئۇ مەزكۇر شەرەپكە ئېرىشىشتىن ئاۋۋال، سانكىت پېتىربورگ پاۋلوۋ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن پەخرىي پىروفېسسورلۇق شەرىپىگە، موسكىۋا پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن ھاياتلىق ئىلمىي پەخرىي پىروفېسسورلۇق شەرىپىگە نائىل بولغان؛ ئېستونىيە بالتىق دېڭىزى ئەنئەنىۋىي تېبابەتچىلىك ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ پەخرىي جەمئىيەت باشلىقى بولۇپ سايلانغان؛ يېقىندا ئامېرىكا، رۇسىيەلەردە ئىنگلىزچە ۋە رۇسچە نەشر قىلغان «زىققا كېسەللىكى ئىلمىي»، «شاڭخەنلۈن-رۇسچە شەرھىيسى»، «ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدىكى خىلىت نەزەرىيەسى ۋە داۋالاش ئىلمى» قاتارلىق ئەسەرلىرى خەلقئارادا ناھايىتى ياخشى تەسىر قوزغىغان ئىدى.

خالمۇرات غوپۇر

پىروفېسسور خالمۇرات غوپۇر جۇڭگو ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزئارا ئوقۇغۇچى ئالماشتۇرۇپ ئوقۇتۇش كېلىشىمى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، ئېلىمىز بويىچە تۇنجى بولۇپ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئوقۇپ دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكۈچىدۇر. ئۇ ھازىر ئېلىمىز ۋە ئەتراپتىكى ئەللەردە بىرقەدەر زور تەسىرگە ئىگە تېببىي مۇتەخەسسىس-ئالىم. ئۇ ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ رۇسىيە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر، گېرمانىيە ۋە جۇڭگو شياڭگاڭ قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلارغا بېرىپ، 200 قېتىمدىن ئارتۇق كېسەل داۋالاش، لېكسىيە سۆزلەش ۋە ئىلىم ئالماشتۇرۇشلاردا بولدى. ھازىرغىچە، جۇڭگو ۋە چەت ئەللىكلەردىن بولۇپ 24 نەپەر پوست دوكتور، 47 نەپەر دوكتور، 117 نەپەر خەلقئارالىق ئاسپىرانت تەربىيەلىدى؛ 20 دىن ئارتۇق دۆلەت دەرىجىلىك تەتقىقات تۈرىگە يېتەكچىلىك قىلىپ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى؛ مەملىكەتلىك پەن-تېخنىكىدا ئىلگىرىلەش مۇكاپاتى قاتارلىق 20 دىن ئارتۇق پەن-تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى؛ 20 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ئەسىرىنى دۆلەت ئىچى-سىرتىدا خەنزۇچە، ئىنگلىزچە، رۇسچە نەشر قىلدۇردى، ئېلان قىلغان SCI ئىلمىي ماقالىسى 80 پارچىدىن ئارتۇق بولۇپ، ئىلمىي ماقالىلىرى 30 نەچچە دۆلەت ۋە رايونلاردىكى تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن پايدىلىنىلدى.

پىروفېسسور خالمۇرات غوپۇر ئېلىمىزدىكى تۇنجى دۆلەتلىك جۇڭيى-ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى كىلىنىكىلىق تەتقىقات بازىسىنى بەرپا قىلغۇچى، تۇنجى مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ جۇڭيى-ئۇيغۇر-غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈش تەتقىقاتى بويىچە ئۆلكە-مىنىستىرلىق بىرلىشىپ قۇرىدىغان نۇقتىلىق تەجرىبىخانا ۋە «چاڭجياڭ ئالىمى ۋە يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپى پىلانى» غا كىرگەن يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپىنى قۇرغۇچى، تۇنجى بولۇپ شىنجاڭدىن چىققان «مەملىكەت بويىچە كۆزگە كۆرۈنگەن ياشلار ئىلىم-پەن فوندى» غا ئېرىشكۈچى.

پىروفېسسور خالمۇرات غوپۇر ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن 22 يىلدىن بۇيان، بارلىقىنى تېببىي تەتقىقات، تېببىي مائارىپ ئىشلىرىغا بېغىشلاپ، ناھايىتى زور نەتىجىلەرنى ياراتتى ھەم كاتتا شان-شەرەپلەرگە ئېرىشتى. باشقىلار ھەر قېتىم ئۇنىڭ قازانغان شان-شەرەپلىرىنى پەخىرلىنىش ئىچىدە تىلغا ئېلىپ تەرىپلەشكىنىدە، ئۇ: « ئۇلۇغ ۋەتىنىم بولغاچقىلا مۇشۇنداق شان-زەپەرلەرنى قۇچالىدىم. مەن چوقۇم ياراتقان نەتىجە-ئۇتۇقلىرىم ئارقىلىق ۋەتىنىمگە جاۋاب قايتۇرۇشۇم كېرەك» دەيدۇ.

خەلقئارا ئالىي مائارىپ پەنلەر ئاكادېمىيەسى ( International Higher Education Academy of Sciences,IHEAS ) دۇنيا ئىلىم-پەن ئورتاق گەۋدىسى (World Scientific Community) نىڭ ئەزاسى بولۇپ، 1992-يىلى قۇرۇلغان، باش ئىشتابى موسكىۋادا. مەزكۇر ئاكادېمىيەدە ھازىر 1000 نەپەر ئالىم ۋە مۇتەخەسسىس بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 35 دۆلەتتىن كەلگەن 800 نەپەر ئاكادېمىك، نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى مائارىپ تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مۇدىرلىرى، شۇنداقلا 130 نەپەر جەمئىيەت ۋەكىللىرى بار.مەزكۇر ئاكادېمىيە ئىلىم-پەنگە دائىر ئۇچۇرلارنى يىغىش، تەۋسىيە قىلىش ۋە خەلقئارالىق پىلانلارنى باھالاپ ئانالىز قىلىشقا ئوخشاش خىزمەتلەرنى ئىشلەيدۇ.

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
ۋاقتى: 2015.04.27

Leave a Reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *