مەھمۇت سۇلايمان

Mahmut Sulayman - مەھمۇت سۇلايمان

مەھمۇت سۇلايمان 1968-يىلى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1981-يىلى شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇسسۇل كەسپىدە ئوقۇغان، 1985-يىلى مەكتەپ پۈتتۈرۈپ، قەشقەر سەنئەت ئۆمىكىدە ئۇسسۇلچى بولۇپ ئىشلىگەن. سەنئەت ئۆمىكىدە ئۇسسۇلچى بولۇپ ئىشلىگەچ، ناخشا-مۇزىكا ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان.

1990-يىلى «رىۋايەت» مۇزىكا ئەترىتىنى قۇرغان. 1992-يىلى «سالام دوستلار»، 1993-يىلى «شۈكرى دېدىم»، 1995-يىلى «يۇلتۇزۇم» ناملىق ئىجادىي ناخشىلىرىنىڭ ئۈنئالغۇ لېنتىلىرىنى تارقاتقان. 1997-يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق سەنئەت ئۆمىكىنىڭ تەكلىپى بىلەن يۆتكىلىپ كەلگەن.

شۇندىن باشلاپ، «بۇ چۈش ئەمەس»، «ئازابلىق لەززەت»، «سەھرادىن كەلگەن دادا»، «قاراڭغۇ تاغ»، «سەھرادىكى مۇڭ كۈي» قاتارلىق كىنولارنىڭ ناخشا-مۇزىكىسىنى ئىشلىگەن. 2005-يىلى، شاڭخەي مۇزىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئىمتاھان بېرىپ ئۆتكەن، 2006-يىلى «سېغىنمىدىڭمۇ» ناملىق MTV پىلاستىنكىسىنى تارقاتقان.

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلانى مەھمۇت سۇلايمان ئەپەندىم 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى كېچىدە، 52 يېشىدا يۈرەك كېسىلى سەۋەبلىك خەلقىمىزدىن ئايرىلىپ، كۆڭلىدىكى بارچە قايغۇ-ھەسرەت ۋە دەرت-ئەلەملىرىنى ئۇ ئالەمگە ئېلىپ كەتتى.



مەھمۇت سۇلايمان ئەسەرلىرى

 ئۇيغۇر رادىئوسى

Leave a Reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *