ئارتۇق

①رەۋىش. بەلگىلىك مىقداردىن، ساندىن ئوشۇق؛ زىيادە، كۆپ: ئارتۇق ئۇخلىساڭ ئاچ قالىسەن (ماقال).*25 سانى بەشتىن بەش ھەسسە ئارتۇق. ②سۈپەت. ئېھتىياجىدىن، نورمىدىن ئاشقان، ئوشۇق: يېنىڭدا ئارتۇق پۇلۇڭ بولسا بەش كوي بېرىپ تۇرامسەن؟ ③ياخشى، ئەۋزەل، ئەلا دېگەن سېلىشتۇرۇش مەنىسىدە كېلىدۇ: قىزدىن ئارتۇق جۇۋان بار، ئاتتىن ئارتۇق غۇنان بار (ماقال). ④سۈپەت. كۈچلۈك، زور، ئۈستۈن: قىلىچنىڭ كۈچىدىن قەلەمنىڭ كۈچى ئارتۇق (ماقال).

ئارتىلماق

①«ئارتماق2» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى: بۇغداي ئارتىلغان ئېشەك ئىگىسىدەكلا ئورۇق ۋە ھالسىز بولۇپ، ئۇلاردىن 50 قەدەمچە ئارقىدا قالغانىدى. ②«ئارتماق2» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى: ئۇ بىراۋنىڭ تامدىن ئارتىلىپ باغقا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدى.