ئارتماق

1. پېئىل ①كۆپەيمەك، ئاشماق: 4-سىنىپتىن باشلاپ، بالىلارنىڭ ئىگىلىگەن بىلىمى يىلدىن-يىلغا ئارتىپ بارىدۇ. ②كۆچمە مەنىدىكى سۆز. كۈچەيمەك، ئۆرلىمەك، ئۆسمەك: چۆمۈپ چەكسىز شادلىق قوينىغا، ئۆز يۇرتىغا ماڭدى ئۇ قايتىپ. تاغ-داۋانلار قالغانچە كېيىن، خۇشاللىقى باراتتى ئارتىپ .③مەلۇم بىر چېگرا، مىقدار ياكى چەكتىن ئاشماق، ئۆتمەك: بۇ باھا ئەسلىي باھاسىدىن ئون پىرسەنت ئارتىپ كېتىپتۇ.

2. پېئىل ①يۈكنى ترانسىپورت ۋاسىتىسىنىڭ ئۈستىگە، ئىچىگە جايلاشتۇرماق، يۈكلىمەك: سىنىمىغان ئاتقا يۈك ئارتما (ماقال). ②كۆچمە. زىممىسىگە يۈكلىمەك، بوينىغا قويماق، تاڭماق: مەسئۇلىيەتنى ئارتماق.*شۆھرىتىڭ-شانىڭ ئۈچۈن بوغدانى سەن ئارتساڭ ماڭا. دەس تۇرۇپ قەددىمنى پۈكمەي، مەنزىلىڭگە كۆتۈرەي .③كۆچمە. دۆڭگىمەك، ئىتتىرىپ قويماق: قاراپ تۇرۇپ ئۆزى قىلغان ئىشنى باشقا ئادەمگە ئارتىپ قويسا بولامدۇ؟

ئارپىخان

ئىسىم <بوتانىكا> باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. شەكلى ئارپىغا ئوخشاپ كېتىدۇ، يوپۇرمىقى سەل ئۇزۇن، گۈلى كىچىك باشاقسىماق گۈل رېتىگە كىرىدۇ؛ باشىقى تۆۋەنگە ساڭگىلىغان ھالەتتە ئۆسىدۇ، رەڭگى يېشىل كېلىدۇ؛ چارۋىچىلىقتا يەم-خەشەك قىلىنىدۇ.

ئارپىبەدىيان

ئىسىم [ ئارپا+بەدىيان ] <بوتانىكا> ①كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. گۈلى مۇرەككەپ كۈنلۈكسىمان گۈل رېتىدە بولۇپ، رەڭگى سېرىق كېلىدۇ؛ ئۇرۇقى دورا قىلىنىدۇ. ②مۇشۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى.

ئارپا

ئىسىم <بوتانىكا> ①باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى كەڭ ھەم يىپسىمان بولىدۇ، دېنىنىڭ شاكىلىدا ئۇزۇن قىلتىرىقى بولىدۇ. ئۇ بىر خىل ئاشلىق زىرائىتى بولۇپ ئۈندۈرمىسىدىن پىۋا ۋە ئارپا شېكىرى ئىشلەشكە بولىدۇ. ②مۇشۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ دېنى.