ئارخېئولوگىيە

ئىسىم [رۇسچە<گرېكچە] قېزىۋېلىنغان ياكى قەدىمدىن ساقلىنىپ قالغان يادىكارلىقلار ۋە ئىزلارغا ئاساسەن، دەۋرلەر تارىخىنى، يەنى خەلقلەرنىڭ تارىخىي ئۆتمۈشىنى، تۇرمۇش ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن.

ئارخىپشۇناسلىق

ئىسىم. مەخسۇس ئارخىپلارنى تۇرغۇزۇش، ساقلاش ۋە ئۇنى باشقۇرۇش جەھەتتىكى ئىلمىي ئۇسۇللارنى تەتقىق قىلىدىغان، بۇ ھەقتىكى تۈرلۈك نەزەرىيىۋى ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىدىغان ئىلىم ساھەسى.