ئارامچىلىق

ئىسىم. خاتىرجەملىك، ئاراملىق: كىشىلەرنىڭ كۆڭلى بىرەر نەرسىدىن ئاراز يېگەندە، قىزىق بىرەر چاقچاق ئاڭلىسا، كۆڭلىدىكى غەشلىك كۆتۈرۈلۈپ، كۈلكە ئىچىدە ئۆز كۆڭلىگە ئارامچىلىق تاپىدۇ.*سادىرغا «ئۇھ» دېگۈدەك ئارامچىلىق ئاخىر نېسىپ بولدى.

ئارام

ئىسىم [پارسچە] ①ھاردۇق، دەم: ئارام ئالماق. ئارام بەرمەك.*پالتا چۈشكۈچە كۆتەك ئارام ئاپتۇ (ماقال). ②خاتىرجەملىك، راھەت، ھۇزۇر: لېكىن ئانا يالغۇز قىزىنىڭ ئالىقانلىرىدىن جېنىغا ئارام سېزىدۇ .③كۆچمە. ئايىلىش، ساقلىنىش: مېۋە-چېۋە ئاشلىققا ئارام بېرىدۇ.