ئادىم

<تارىخى سۆز> ①ئىسىم. قەدەم. ②مىقدار سۆز. ئۇزۇنلۇق ئۆلچىمى، تەخمىنەن 75 سانتىمېتىر ئەتراپىدا: ساراينىڭ ئىچى بەك سۈرلۈك، تەنتەنىلىك مۇراسىم ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ ساراينىڭ ئۇزۇنلۇقى 60 ئادىم، ئېنى 35 ئادىم كېلەتتى.

ئادىل

سۈپەت [ئەرەبچە] ①بىرەر تەرەپكە يان باسماي، ئادالەت، ھەققانىيەت بىلەن خالىسانە ۋە ھەققانىي ئىش قىلىدىغان، ھەققانىي يول تۇتىدىغان؛ لىللا، توغرا: ئادىل ئادەم. ئادىل ھۆكۈمەت. ②ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

ئادىزلار

ئىسىم <ئىرق> تۇرلارنىڭ بىر قەبىلىسى. ئادىزلار ئەسلى ۋولگا دەرياسى ياقىلىرىدا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەن، تۈركلەرگە تەۋە بولغان، كېيىنكى ۋاقىتلاردا شەرققە كۆچۈپ بېرىپ سىر تاردۇشقا تەۋە بولغان.

ئادىئاباتىك

سۈپەت [رۇسچە<گرېكچە] <فىزىكا> ھەرقانداق ۋاقىتتا ئىسسىقلىق مىقدارى ئۆزگەرمەيدىغان؛ ئىسسىقلىق ئۆتكۈزمەيدىغان، ئىسسىقلىق تەسىرىگە ئۇچرىمايدىغان: ئادىئاباتىك جەريان. ئادىئاباتىك دەستىلەش.

ئادرېس

ئىسىم [رۇسچە<فرانسۇزچە>] ①بىرەر كىشى ياكى تەشكىلات تۇرىدىغان جاينىڭ تەپسىلىي نامى: مەن شۇ چاغدا ئادرېسىمنى توغرا ئېيتىپ بەرگەن بولسام، ئىخلاس بۈۋى مېنى، ھېچ بولمىسا، ئانامنى ئىزدەپ تاپقان بولارئىكەن. ②پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتىلىدىغان نەرسىلەرنىڭ ئۈستىدىكى شۇ نەرسىنى تاپشۇرۇۋالغۇچىنىڭ تۇرىدىغان جايى يېزىلغان يېزىق: خەت يازسىڭىز تۆۋەندىكى ئادرېسقا ئەۋەتىڭ.