ئادەملىك

سۈپەت. ئادەمگە خاس، ئادەمدە بولىدىغان، ئادەم بالىسىغا لايىق بولغان، ئادەمگە مۇناسىپ؛ ئادەمىيلىك، ئىنسانىي: ئادەملىك بۇرچ. ئادەملىك خاراكتېر. // ئادەمنىڭ ئادەملىكى ئاچچىقى كەلگەندە بىلىنەر (ماقال).

ئادەمگەرچىلىك

ئىسىم ①كىشىلەرگە بولغان مۇھەببەت، مېھرىبانلىق، ئىنسانغا ياخشى مۇناسىۋەتتە بولۇش؛ ئىنسانپەرۋەرلىك: ئادەمگەرچىلىك قىلماق. ②كىشلەر ئارىسىدىكى بىر بىرىنى يوقلاش، ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن بىر- بىرىگە مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئادىتى: ئادەمگەرچىلىك قېرىمايدۇ (ماقال).*ئۇلار بىرنەچچە قېتىم كەلدى، مەن ئۇلارنىڭ ئادەمگەرچىلىكىنى قايتۇرالمىدىم.

ئادەمگىياھ

ئىسىم [ ئادەم+گىياھ] <بوتانىكا> تىكەنلىك شەيتان دەرىخى ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئوق يىلتىزى توم، گۆشلۈك ۋە ئاق سېرىق كېلىدۇ؛ يوپۇرمىقى ئالىقانسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق، كىچىك يوپۇرمىقى تۇخۇم شەكلىدە، گۈلى كىچىك، سۇس يېشىل رەڭدە ئېچىلىدۇ؛ مېۋىسى ياپىلاق ۋە چەمبەر شەكلىدە بولىدۇ؛ يىلتىزى ۋە يوپۇرماقلىرى دورا قىلىنىدۇ، بەدەننى قۇۋۋەتلەندۈرۈش رولىغا ئىگە.

ئادەمخۇمار

سۈپەت [ئادەم+خۇمار] كىشىلەر بىلەن دائىم بىللە بولۇشنى ياخشى كۆرىدىغان، ئادەمگە ئامراق، ئادەمگە ئېجىل: مەنمۇ شۇنداق ئادەمخۇمار، گەپخۇمار كىشى بولغانلىقىم ئۈچۈن ئۇلارنىڭ پارىڭىنى ئاڭلاش ماڭىمۇ ئادەت بولۇپ قالغانىدى.

ئادەمخورلۇق

ئىسىم. ئادەم گۆشىنى يېيىشكە ئادەتلىنىش؛ ۋەھشىيلىك، ياۋۇزلۇق: مەجۇسى بەھرەمگە قاراپ يىغلاپ تۇرۇپ:-قېنىمدىن كېچىپ، مېنى ئۆلتۈرمىسىلە،-مەن ئىككىنچى ئادەمخورلۇق قىلماسلىققا قەسەم ئىچەي،-دەپ يېلىنىپتۇ.

ئادەم

ئىسىم [ئەرەبچە] ①پىكىر قىلىش، سۆزلەش ۋە ئەمگەك قىلىش قابىلىيىتىگە ئىگە بولغان ھەم ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرىنى ياسىيالايدىغان، ھەم ئىشلىتەلەيدىغان، شۇ سەۋەبلىك باشقا ھەممە مەخلۇقاتتىن ئۈستۈن تۇرغۇچى جانلىق؛ كىشى، ئىنسان: ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە، ھايۋاننىڭ ئالىسى تېشىدا (ماقال). ②كىشىلىك جەمئىيىتىنىڭ ئايرىم ئەزاسى، شەخس: ياخشى ئادەم. ئەخلاقلىق ئادەم. ناچار ئادەم.