ئادەتلەنمەك

پېئىل. بىرەر ئىش-ھەرىكەتنى ئادەت قىلماق، ئادەتكە ئايلاندۇرماق؛ بىرنەرسىگە ئۆگىنىپ قالماق: ئۇ قالۇن چېلىش ماھىرى بولۇپ، مۇقامنى قالۇن چېلىپ تۇرۇپ ئېيتىشقا ئادەتلەنگەن.

ئادەتتىكىدەك

رەۋىش. ھەر ۋاقىتتىكىگە، ئادەتتىكىگە ئوخشاش، ئادەتتىكىچە؛ نورمال: ئۇنىڭ بىر ئىشى، ئاغىنىسى مەيلى ئىلغار بولسۇن، مەيلى قالاق بولسۇن، دەيدىغىنىنى يۈزىگە دەپ بولۇپلا يەنە ئادەتتىكىدەك مۇناسىۋەت قىلىپ يۈرىۋېرىدۇ.

ئادەت

1. ئىسىم [ئەرەبچە] ①ئۆگىنىپ قالغان ھەرىكەت؛ قىلىق: ياخشى ئادەت. يامان ئادەت، ئادەت بولۇپ قالماق.*ئادەتنىڭ دورىسى يوق. مەسچىتنىڭ مورىسى يوق (ماقال). ②ئاتا-بوۋىسىدىن قالغان ۋە كىشىلەرگە سىڭىپ كەتكەن تەرتىپ؛ قائىدە-يوسۇن، ئەنئەنە، ئۇدۇم: ئۇيغۇرلارنىڭ مېھماندوستلۇق ئادىتى ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە.

2. ئىسىم <فىزىئولوگىيە> ئاياللاردا ھەر ئايدا بىر قېتىم دەۋر قىلىدىغان بالىياتقۇدا قان ھاسىل بولۇشتىن ئىبارەت فىزىئولوگىيىلىك ھادىسە (قاناش ۋاقتى ئۈچ كۈندىن يەتتە كۈنگىچە داۋاملىشىدۇ): ئادەت كۆرمەك.

ئادۋۇكاتلىق

ئىسىم. ئادۋۇكاتلارنىڭ دەۋالاشقۇچى، ئەيىبلەنگۈچى ياكى ئادەتتىكى شەخسلەرگە ھەمكارلىشىپ ئۇلارنىڭ قانۇنىي ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا ياردەملىشىشى: ناھىيە بازىرىدىكى يۈسۈپ دېگەن كىشى ئادۋۇكاتلىققا تەكلىپ قىلىندى.

ئادۋۇكات

ئىسىم [رۇسچە<لاتىنچە>] <قانۇن> دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ھاۋالىسى ياكى سوت مەھكىمىسىنىڭ بەلگىلىشى بىلەن قانۇنىي ھالدا دەۋالاشقۇچىلارغا ھەمكارلىشىپ شىكايەت قىلىدىغان ياكى باشقا قانۇنىي ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىدىغان مەخسۇس خادىم.