ئاچىماق

سۈپەت. ئاچىسى بار، ئاچىلىق: بىز بىر قېتىم يوغان ئاچىماق قارىياغاچنىڭ سايىسىدا ئارام ئالغانىدۇق. // سەيدىنقارىينىڭ خىيالىنى قارىياغاچنىڭ ئاچىمىقىغا بېكىتىلگەن رادىئو كانىيىنىڭ جاراڭلىق ئاۋازى بۆلۈۋەتتى.

ئاچماق

1. پېئىل ①توسۇپ تۇرغان توساقنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويماق ياكى ئېلىپ تاشلىماق: پەردىنى ئاچماق. يول ئاچماق.*قورقما، ھەي زۆرەم ! مەن سادىق، ئىشىكنى ئاچ. ②ئورالغان، يېپىلغان، چىگىلگەن، كۆمۈلگەن نەرسىلەرنى شۇ ھالەتتىن خالىي قىلماق: ساندۇقنى ئاچماق. قۇلۇپنى ئاچماق. ئورىنى ئاچماق.*ئون قەدەم ئالدىدا كېتىۋاتقان ئايال ئارقىسىغا قاراپ، بېشىدىكى پەرەنجىسىنى ئېچىپ بىر قارىدى-دە، يەنە گەپ قىلماي ئالدىغا قاراپ كېتىۋەردى. 2. ③قاتلانغان، يىغىلغان، پۈكۈلگەن، پوملانغان نەرسىلەرنى يايماق، كەرمەك: كىگىز ئاچماق. قۇچاق ئاچماق.*ئانار ئۆزىمۇ ئانىسى ئېلىپ چىققان داستىخاننى ئېچىپ، ئانىسىغا ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل ئولتۇردى. ④قۇرۇپ، ياساپ، پۈتتۈرۈپ ئىشقا چۈشۈرمەك، پائالىيەت باشلىماق: مەكتەپ ئاچماق. دۇكان ئاچماق… 3. ⑤نەرسە، ۋەقە، ھادىسە ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلارنىڭ ماھىيىتى، خۇسۇسىيىتىنى، سىرىنى ئاشكارىلىماق؛ ئېنىقلىماق، يەشمەك: تەبىئەتنىڭ سىرىنى ئاچماق. ئەپت-بەشىرىسىنى ئاچماق. زىددىيەتلەرنى ئاچماق. ⑥بىرەر نەرسىنىڭ ھەرىكىتىگە يول...

داۋامىنى ئوقۇڭ!