ئاتلانماق

پېئىل ①ئاتقا مىنمەك: ئۇلار ئاتلىق كەلگەن، ئۇلار بىلەن بىرىنچى دۇينىڭ ئەزالىرىمۇ ئاتلىنىپ بىللە كېلىشكەنىدى. ②كۆچمە. بىرەر جايغا بېرىش ئۈچۈن تەييارلانماق، ھازىرلانماق: ھازىر ئالدىنقى سەپتە كۈرەش قىزىماقتا، مەن پات يېقىندا بۇ مۇقەددەس جەڭگە ئاتلىنىمەن .③كۆچمە. بىرەر ئىشنى قىلىشقا تەييارلانماق، ھازىرلانماق:-بىز ئەزالار بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، قارلىق تاغنىڭ سۈيىنى ئەكىلىشكە ئاتلىنىمىز،-دېدى سابىر ھاكىمغا.

ئاتلانتىك ئوكيان

<جۇغراپىيە> ئاتلانتىك ئوكياننى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ياۋروپا ۋە ئافرىقا قىتئەلىرىنى شىمالىي ئامېرىكا ۋە لاتىن ئامېرىكىسسىدىن ئايرىپ تۇرىدىغان، دۇنيادىكى تۆت ئوكياننىڭ بىرى.

ئاتكوس

ئىسىم [رۇسچە] <سۇ ئىشلىرى> ①ئېگىزلىك دەرىجىسى بارا-بارا تۆۋەنلىگەن يانتۇ يۈز: ئاتكوس تاپىنى. ئاتكوس چوققىسى.*بۇ يەردە ئىشلەۋاتقان 200 دەك كىشى قارا تەرگە چۆمۈلۈپ تۈزلەش، خاڭداش، ئاتكوس چىقىرىش ئىشىنى ئىشلەۋاتاتتى. ②يانتۇ يۈزنىڭ باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش نۇقتىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئېگىزلىك پەرقىنىڭ گورىزونتال ئارىلىققا بولغان نىسبىتى.

ئاتقۇلاق

ئىسىم [ئات+قۇلاق] <بوتانىكا> قامچىئوت ئائىلىسىگە كىرىدىغان، كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. تۈۋىدىن ئۆسكەن يوپۇرماقلىرىنىڭ سېپى ئۇزۇن، غولىدىن ئۆسكەن يوپۇرماقلىرىنىڭ سېپى يوق، كونۇسسىمان گۈل رېتىدە سۇس يېشىل، قىزغۇچ گۈللەيدۇ، تاغلاردا ئۆسىدۇ.