ئاتىماق

1. پېئىل. ئات قويماق، نام بەرمەك: كىشىلەر ئۇنى «ئەۋلىيا ئاتا» دەپ ئاتايدۇ.

2. پېئىل ①بېغىشلىماق، تەقدىم قىلماق، بەرمەك:-ئاۋۇ قويدىن بىرەرىنى ئاتىۋەتسىلىمۇ بولىۋېرىدۇ،-دېدى باخشى ھېچ قىزارماستىن. ②كۆڭلىگە پۈكمەك، نىيەت قىلماق:-قانداق، كىچىكئاخۇن، سېتىپ بېرىشكە ئاتىغىنىڭىزنى چىقارمامسىز؟-دېدى ھۇشۇر ھامۇت .③تەييارلىماق، تەييار قىلماق: يىللار مەيدەڭنى تۇتۇپ قاقاقلاپ كۈلمە، ئالدىڭدا قىزىرىشتىن ئارتۇق كۆرىمەن ئۆلۈمنى، قېرىتىمەن دەپ ئارتۇق كۆڭۈل بۆلمە، ئاخىرقى جەڭگە ئاتاپ قويارمەن ئوغلۇمنى.

ئاتىلىق

①سۈپەت. ئاتىسى بار، ئاتىسى ھايات: ئاتىلىق ئوغۇل-خوجىلىق قۇل (ماقال). ②سۈپەت. ئاتىغا خاس؛ ئاتا قىلىشقا تېگىشلىك بولغان: ئاتىلىق بۇرچ. ئاتىلىق قەرز. ئاتىلىق مېھىر-مۇھەببەت .③ئىسىم <بوتانىكا> ئۆسۈملۈكنىڭ چاڭدان ۋە گۈل يىپىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن تۈزۈلگەن كۆپىيىش ئەزالىرىنىڭ ئاتىلىق قىسمى. ئاتىلىق يېتىلگەندىن كېيىن چاڭدان يېرىلىپ گۈل چاڭلىرى توزۇپ چىقىدۇ.

ئاتىكارچىلىق

ئىسىم. ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئامراقلىق، مەنمەنچىلىك، ئاقساقاللىق: ئۇ باشقىلارنىڭ سۆزلىرى تۈگە تۈگىمەيلا سۆز قىستۇرۇپ ئاتىكارچىلىق بىلەن سۆزنى تارتىۋالىدىغان بىر خىل تەتۈر مىجەزلىك ئادەم بولۇپ يېتىلمەكتە ئىدى.

ئاتىكارچى

سۈپەت. ئۆزىگە مۇناسىۋەتسىز ئىشلارغا ئارىلىشىۋالىدىغان، ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئامراق؛ مەنمەنچى:-ئۆزۈڭمۇ تازا ئاتىكارچى بىرنېمە ئىكەنسەن،-دېدى پاتىمە سەمەتكە بۇرۇلۇپ،-سانىماي سەككىز دېمە.

ئاتىدارچىلىق

ئىسىم. ئاجىز، يېتىم يېسىر، تايانچسىز كىشىلەرگە قىلىنىدىغان غەمخورلۇق؛ يار-يۆلەك، تايانچ، كۆيۈنۈش: بىز بۇ ياققا ماڭىدىغان چاغدا دادىسى ئۇنى ئاشۇ تاغىسىنىڭ ئاتىدارچىلىقىغا قالدۇرغانىدى.