ئاتوم

1. ئىسىم [رۇسچە<گرېكچە] ①<فىزىكا> خىمىيىلىك ئېلېمېنتنى ھاسىل قىلغۇچى ئەڭ كىچىك زەررىچە، شۇنداقلا ماددىلارنىڭ خىمىيىلىك رېئاكسىيىگە كىرىشتىكى ئەڭ تۈپكى زەررىچە بولۇپ، ئۇ مۇسبەت زەرەتلىك ئاتوم يادروسى ۋە ئاتوم يادروسىنى ئايلىنىپ ھەرىكەتلىنىدىغان ئېلېكترونلاردىن تەشكىل تاپىدۇ؛ ھەر خىل ئاتوملارنىڭ ماسسىسى، چوڭ-كىچىكلىكى ۋە باشقا خۇسۇسىيەتلىرى ئۆزئارا ئوخشاشمايدۇ .

2. ئىسىم ②<ھەربىي ئىشلار> يادرو قوراللىرىنىڭ بىر خىلى. ئۇران، پلۇتونىي قاتارلىقلارنىڭ ئاتوم يادروسى پارچىلانغاندا ھاسىل بولىدىغان ئاتوم ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىپ قىرىش، خاراب قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان قورال، پارتلىغاندا زەربە دولقۇنى نۇر رادىئاتسىيىسى ۋە رادىئوئاكتىپلىق بۇلغىنىش پەيدا قىلىدۇ: ئاتوم پارتلاتماق.

ئاتماق

1. پېئىل ①قولدىكى نەرسىنى شىلتىپ يىراققا ياكى مۆلچەرلەنگەن يەرگە تاشلىماق؛ ئىرغىتماق: توپقا قاراپ تاش ئاتما (ماقال).*تاش ئاتقانغا قاش ئات (ماقال). ②شىددەت بىلەن بىرەر يەرگە تاشلانماق: ئېسەدەپ يىغلاۋاتقان مەريەم «ئاكا» دېگىنىچە زاكىرجاننىڭ باغرىغا ئۆزىنى ئاتتى.*ئۇنىڭ ئاتقان مۇشتى تەگمىدى .③كۆچمە. چىقارماق، يايماق، ئېچىلماق: چېچەك ئاتماق. ④تىتماق، پارچىلىماق: پاختا ئاتماق. يۇڭ ئاتماق.*ئالتا ئاي ئاتقان پاختام بىر چاپانغا يەتمەپتۇ (ماقال). ⑤پارتلاتماق: تاغ ئاتماق. پوجاڭزا ئاتماق. ⑥كۈچ بىلەن ئىتتىرىپ چىقارماق، ئۆرلىمەك: قادىر دولقۇنلار ئۈستىگە دولقۇنلار ئېتىپ ئېقىۋاتقان دەريا بويىغا قاراپ ماڭدى . 2. ⑦بىرەر قورال ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئوق ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرنى چىقارماق، ئۈزمەك: ئاتالمىغاننىڭ ئوقى ئالتا غۇلاچ كېتەر (ماقال). ⑧بىرەر قورال ۋاسىتىسى ئارقىلىق يارىلاندۇرماق ،ئۆلتۈرمەك: ئاتىسى ئاتمىغان قوڭغۇزنى، بالىسى ئېتىپتۇ توڭگۇزنى (ماقال).*دادامنى ئۇلار ئېتىۋەتكەن. ⑨مىدىرلاتماق،...

داۋامىنى ئوقۇڭ!

ئاتلېتىكا

ئىسىم [رۇسچە<گرېكچە] <تەنتەربىيە> كۈچ ۋە چاققانلىق تەلەپ قىلىدىغان ھەم ئۇلارنى كامالىغا يەتكۈزىدىغان ئسپورت مەشىقلىرىنىڭ يىغىندىسى: 1986 -يىلى مەملىكەت بويىچە يېنىك ئاتلېتىكا مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى.

ئاتلىماق

پېئىل ①دەسسىمەي ئىككى پۇت ئارىسىدا قالدۇرۇپ ئۈستىدىن ھالقىپ ئۆتمەك، ئارتىلىپ ئۆتمەك؛ سەكرىمەك: ئۇ بوسۇغىدىن ئاتلاي دەپ تۇرۇشىغا، بىر قىزنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. ②قەدەم ئالماق، قەدەم تاشلىماق: ئاياغ ئاتلىمىسا، باش يۈگۈرمەيدۇ (ماقال). ③قالدۇرۇپ، تەگمەي ياكى مەلۇم قىسمىنى تاشلاپ ئۆتۈپ كەتمەك: ناھىيە ئاتلاپ ئوقۇماق. سىنىپ ئاتلىماق.*مەن خەتنى ئاتلاپ ئوقۇدۇم، خەتنىڭ ئاخىرىدا ئاجايىپ سۆزلەر بار ئىدى .

ئاتلىق

1. ①سۈپەت. ئېتى بار، ئاتقا ئىگە: مانا ھازىر ئۇ دۇلدۇلدەك ئىككى ئاتلىق بولۇپ قالدى. ②سۈپەت. ئات مىنگەن: تۇيۇقسىز ياڭاق دەرىخى ئالدىدا ئۈچ ئاتلىق كىشى كۆرۈندى .③ئىسىم. ئات مىنگەن كىشى: ئاتلىق پىيادىنىڭ ھارغىنىنى بىلمەس (ماقال). ④ئىسىم. ئاتقا خاس خۇسۇسىيەت، ئاتقا خاس ئالاھىدىلىك: ئاتنىڭ ئاتلىقى باردۇر، ناۋاتنىڭ تاتلىقى باردۇر.

2. سۈپەت. ئىسىملىك، ناملىق، ئىسىم ياكى نامغا ئىگە بولغان؛ … دەپ ئاتىلىدىغان: داۋانچىڭنىڭ يولى قاتتىق تاۋۇزى تاتلىق، داۋانچىڭدا بىر يارىم بار قەمبەرخان ئاتلىق.