ئاتالغۇ

1. ئىسىم. بىرەر ساھەدە، مەلۇم بىرنەرسىنىڭ نامىنى بىلدۈرۈپ كېلىدىغان ئىسىم ياكى ئىسىم خاراكتېرلىك سۆز ۋە ياكى سۆز بىرىكمىسى: ماتېماتىكا ئاتالغۇلىرى. خىمىيە ئاتالغۇلىرى.

2. ئىسىم. دىئالېكت سۆز. ئات تۇتۇشقا ئىشلىتىدىغان ئارغامچا؛ سالما.

ئاتاق

ئىسىم ①نام-ئابرۇي، شۆھرەت، داڭق: يامان ئاتاق بىلەن يۈرگەندىن، ياخشى ئاتاق بىلەن ئۆلگەن ئەۋزەل (ماقال). ②قانداشلىق ياكى تويلىشىش مۇناسىۋىتى بولماي تۇرۇپ تۇغقانلىق نامى بىلەن يۈرگەنلەرگە نىسبەتەن ئېيتىلىدۇ: ئاتاق ئاتا. ئاتاق بالا .③ئۇنۋان:-مۇبارەك بولسۇن، ئۆزلىرىگە «ئالاھىدە دەرىجىلىك ئاشپەز» دېگەن ئىلمىي ئاتاق بېرىلىپتۇ!-دېدى مۇتەللىپ خۇشاللىق بىلەن.

ئاتاشماق

1. «ئاتىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى: چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بۇ يەرگە كېلىپ ماكانلاشقان ئۇيغۇرلارمۇ شۇ جايدا يۈسۈپ سەككاكىنىڭ قەبرىسى بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ يۇرتنى «خۇنىخاي مازار» دەپ ئاتاشقان.

2. «ئاتىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى: تارىختا ئۆتكەن نۇرغۇن قەھرىمانلار ئۆزلىرىنىڭ ئەزىز جانلىرىنى خەلقنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن ئاتاشمىدىمۇ؟!