ئاپېلسىن

ئىسىم [رۇسچە<گوللاندچە] <بوتانىكا> ①رۇتا ئائىلىسىگە كىرىدىغان كىچىك دەرەخ. يالغۇز ياكى توپ ھالەتتە ئاق چېچەكلەيدۇ، پىشقان مېۋىسى قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك بولىدۇ. ②شۇ دەرەخنىڭ مېۋىسى.

ئاپىرىن

ئىسىم [پارسچە] بىرەر ئىشنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولغانلىقى، بېجىرىلگەنلىكى ئۈچۈن رازى، مەمنۇن، قايىل بولغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان ئالقىش سۆزى: ئاپىرىن ئېيتماق. ئاپىرىن ئوقۇماق.*سىزنىڭ كەڭ قورساقلىقىڭىزغا ئاپىرىن! خوش، ئەمدى قانداق قىلماقچىمىز؟

ئاپىرىدە

ئىسىم [پارسچە] «بولماق، قىلماق» ياردەمچى پېئىللار بىلەن كېلىپ «تۆرەلمەك، پەيدا بولماق؛ تۆرەلدۈرمەك، پەيدا قىلماق» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ: سەن بىلەن مەن مۇشۇ ئالەم ئاپىرىدە بولغاندىن تارتىپ، بىر-بىرىمىزنى يېتەرلىك بىلىشىمىز. *-ئەي بەختلىك يىگىت، سېنى بۇ ئالەمگە ئاپىرىدە قىلغان ئاتاڭ كىم؟ ئاناڭ كىم؟-دەپ سوراپتۇ بوۋاي.

ئاپلا

ئىملىق سۆز ①كۈتۈلمىگەن ۋەقە-ھادىسىدىن تەئەججۈپلىنىش ۋە پۇشايمان قىلىشنى ئىپادىلەيدۇ: ئاپلا، خوشلىشالماي قاپتىمەن-دە. ②ئېچىنىش، قايغۇرۇش، ھېسداشلىقنى ئىپادىلەيدۇ:-ئاپلا!-دەۋەتتى زەينەپ چوڭقۇر ئېچىنغان ھالدا،-ئەتىيازدا قۇرغاقچىلىق، كۈزدە بولسا سۇ ئاپىتى .③غەزەپ، خاپىلىقنى بىلدۈرىدۇ:-ئاپلا!-دەپتۇ ئوتۇنچى غەزەپ بىلەن چىشىنى چىشلەپ.

ئاپقۇت

ئىسىم. كۆن ۋە خۇرۇم قاتارلىقلاردىن تىكىلگەن ئاياغلارنىڭ پاشنا ئۈستىدىكى تاش بىلەن ئەستەر ئارىسىغا ئېلىنىدىغان قاتۇرما، كۆپىنچە، تارشا ياكى قېيىش چەمدىن ئىشلىنىدۇ: ئۆتنىگە لاپقۇت، ئۆتۈككە ئاپقۇت (ماقال).

ئاپرېل

ئىسىم [رۇسچە<لاتىنچە>] <ئاسترونومىيە> ①بۇ قەدىمكى رىم خرىستىئانچىلىرىنىڭ كاتتىۋاشلىرىدىن بىرىنىڭ ئىسمى. ئۇ مىلادىيە كالېندارىنى تۈزۈشكە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن بۇ ئاي شۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. ②مىلادىيە كالېندارى بويىچە 4-ئاي.