ئاتارمەن

ئىسىم. بىرەر ھوقۇق تۇتقان مەنسەپدارنىڭ ياكى ھاكىمىيەت ئورۇنلىرىنىڭ بۇيرۇقىنى شەرتسىز ئىجرا قىلىدىغان ئادەم؛ قولچوماق: قازىنىڭ تىلى تۇتۇلغانلىقىنى كۆرگەن ئاتارمەنلەر باقىنى سۆزلەتمەسلىك ئۈچۈن ئۇنىڭ ئاغزىنى مەھكەم تۇتۇۋالدى.

ئاتا

1. ئىسىم ①بالىلىق ياكى بالىسى بار ئەر كىشى: ئۆز ئاتا. ئۆگەي ئاتا.*ئاتىسى ئاتالمىغان قوڭغۇزنى، بالىسى ئېتىپتۇ توڭگۇزنى (ماقال).*ئاتا بولماي ئاتا قەدرىنى بىلمەس (ماقال). ②يېشى چوڭ كىشىلەرنى ھۆرمەتلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ: ئاتىلار سۆزى-ئەقىلنىڭ كۆزى (ماقال) .③كۆچمە. بىرەر ئىش-ھەرىكەتنى باشلاپ بەرگەن، ئۇنىڭغا ئاساس سالغان ياكى شۇ ئىش-ھەرىكەتنى باشقۇرىدىغان ھۆرمەتلىك كىشى: لوقمان-دىنىي رىۋايەتلەردە تېبابەتنىڭ بىرىنچى ئاتىسى، دەرىجىدىن تاشقىرى ماھىر ھۆكۈما دەپ قارىلاتتى.

2. ئىسىم [ئەرەبچە] «قىلماق» پېئىلى بىلەن كېلىپ «نېسىپ قىلماق، بەخش ئەتمەك، ئىنئام قىلماق، بەرمەك» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ: بەڭۋاشلىقىمنىڭ ئاخىرىدا ماڭا ئاتا قىلغان يۈرىكىمنى زىدە قىلغۇچى ھەدىيىلەرنى كۆرۈپ، ئۆتكەن ھاياتىمغا ئۆكۈنۈشكە باشلىدىم.

ئات

1. ئىسىم ①توم تۇياقلىقلارغا مەنسۇپ سۈت ئەمگۈچى يىرىك ئىش ھايۋىنى: يېيىشلىك ئات ھارماس (ماقال).*قېرىغاندا ئات تېزىكى ئالتۇن كۆرۈنەر (ماقال). ②ئاتنىڭ بېشىغا ئوخشىتىپ ياسالغان شاھمات ئۇرۇقى: ئاتنى ماڭماق. ③ئون ئىككى مۆچەلدە يەتتىنچى يىلنىڭ نامى: ئۇ ئات يىللىق.

2. ئىسىم ①ئادەم ياكى نەرسىلەرگە قويۇلغان مەخسۇس ئىسىم: ئۇنىڭ ئۆگەي قىزىنىڭ ئېتى ھەجەرخان، ئۆز قىزىنىڭ ئېتى پاتمىخان ئىكەن. ②نام، ئاتاق: ئات ئايلىخانغا، يول سارىخانغا (ماقال). ③شان-شۆھرەت، ياخشى نام؛ داڭق: ياخشىدىن ئات قالىدۇ، ياماندىن داد قالىدۇ (ماقال). ④<تىل-يېزىق> شەيئىلەرنىڭ نامىنى بىلدۈرۈپ، «كىم؟ نېمە؟«دېگەن سوئاللارغا جاۋاب بولۇپ كېلىدىغان سۆز تۈركۈمى ،«ئىسىم«مۇ دېيىلىدۇ: ئاتاقلىق ئات. تۈردەش ئات.

ئاپەت

ئىسىم [ئەرەبچە] ①تەبىئەت ھادىسىلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېغىر زىيان-زەخمەت: ئوت ئاپىتى. قۇرغاقچىلىق ئاپىتى. سۇ ئاپىتى. ②باشقا كەلگەن ئوڭۇشسىزلىق، ئېغىر بەختسىزلىك؛ زور بالا-قازا: ئاپەت كۆرمەي دېسەڭ ھوشيار بول (ماقال).*بۇ بالا بىزگە بىر ئاپەت بولدى.