ئاپتاپ

ئىسىم [پارسچە] ①قۇياش، كۈن: ئاپتاپ چىقتى.*بىر كىشى ئەپەندىمدىن: «ئەپەندىم، ئاپتاپ ياخشىمۇ، ئايمۇ؟» دەپ سوراپتۇ. ②قۇياش تارقاتقان نۇر، ئىسسىقلىق: ئاپتاپ چاقتى. *-ۋۇي، ساۋۇت قارىي، يەنە مەيدەڭنى ئاپتاپقا قاقلاپ ئولتۇرۇپسەنغۇ؟ ③قۇياش نۇرى چۈشۈپ تۇرغان، قۇياش نۇرى ئىسسىتىپ تۇرغان جاي: مەن ئاپتاپتا ئولتۇرۇپ دەرس تەكرارلىدىم.

ئاپپارات

ئىسىم [رۇسچە<لاتىنچە>] ①مەلۇم بىر ئىشنى بېجىرىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئەسۋاب، مېخانىزم: فوتو ئاپپارات. تېلېفون ئاپپاراتى. ②ئىدارە، جەمئىيەت، تەشكىلات قاتارلىق خىزمەت ئورگانلىرى: ئاپپاراتلارنى ئىسلاھ قىلىش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلماقتا.

ئاپارماق

پېئىل [ئېلىپ+بارماق] ①بىرەر نەرسىنى قاتناش قورالى بىلەن ياكى ئۆزى كۆتۈرۈپ تېگىشلىك ئورۇنغا يەتكۈزۈپ بەرمەك؛ تاپشۇرماق: ئانامنى يۈدۈپ دوختۇرغا ئاپاردىم. ②باشلاپ، يول كۆرسىتىپ بىرگە بارماق:-قەيەرگە بارماقچىدىلە چوڭ ئانا، مەن ئاپىرىپ قوياي.③تەگكۈزمەك، يېقىنلاشتۇرماق: نېرىقى قورۇدىن چىققان بوۋاي ئالىقىنىنى قۇلىقىغا ئاپىرىپ: -نېمە دەيسىز، ھە، ھېساب چاتاق دەمسىز!-دېدى.

ئاپا

ئىسىم ①بالىلىق ياكى بالىسى بار ئايال؛ ئانا. ②ھۆرمەت يۈزىسىدىن ئۆزىدىن چوڭ ئاياللارنىڭ ئىسمىغا قوشۇپ ئىشلىتىلىدۇ: ئايىمخان ئاپا. ③ئۈچىنجى شەخس ئىگىلىك قوشۇمچىسى قوشۇلغاندا بەزى ئەرلەرنىڭ ئۆز خوتۇنىنى ئاتاپ چاقىرىشىنى بىلدۈرىدۇ: ئاپىسى! بالىلار كۆرۈنمەيدۇغۇ؟ ④قورقۇش، چۆچۈشنى بىلدۈرىدىغان ئىملىق رولىدا كېلىدۇ: ئۆينىڭ ئىچىدە بىر قىزنىڭ «ئاپا!«دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى.

ئابۇنە

ئىسىم [پارسچە<فرانسۇزچە>] <مەتبۇئاتچىلىق> گېزىت، ژۇرنال ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلارغا ئالدىن ھەق تۆلەپ يېزىلىش: ھازىردىن باشلاپ بىزگە بەزىبىر ئۇيۇشمىلار ئابۇنە پۇلىنى ئەۋەتىۋاتىدۇ.

ئابۇنىچى

ئىسىم. تېلېفون، سىملىق تېلېۋىزىيە، گېزىت، ژۇرنال ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلارغا ئالدىن ھەق تۆلەپ ئىشلەتكۈچى شەخس؛ تەشكىلات: بۇ ژۇرنال ئۈچىنچى سانغا كەلگەندە ئىككى-ئۈچ يۈز ئابۇنىچىغا ئىگە بولىدۇ.