ئاپتۇۋا-چىلاپچا

ئىسىم [پارسچە] ①يۈز، پۇت-قول يۇيۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان، ئۇزۇن ۋە ئىنچىكە جۈمەكلىك، بوغۇزى تار، مىس ۋە تۇچ قاتارلىقلاردىن ياسالغان بۇيۇم. ②ئاپتۇۋا ۋە چىلاپچا قاتارلىق قولغا سۇ بېرىدىغان ئائىلە سەرەمجانلىرى.

ئاپتۇۋا

ئاپتونومىيە

ئىسىم [رۇسچە<گرېكچە] مىللەت، تەشكىلات، رايون قاتارلىقلارنىڭ ئۆزى قاراشلىق دۆلەت، ھۆكۈمەت ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇننىڭ رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلغاندىن تاشقىرى، ئۆز ئىشىدا مەلۇم ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشى: مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە.

ئاپتوماتىك

سۈپەت [رۇسچە] بەلگىلەنگەن ئىشنى ئىچكى مېخانىزم ياردىمىدە ئۆزى بېجىرىدىغان، ئۆز-ئۆزىدىن ئىشلەيدىغان: ئاپتوماتىك تېلېفون. ئاپتوماتىك قەلەم.*ئېلېكتر قوڭغۇرىقىنىڭ ئاپتوماتىك باشقۇرۇلۇش قۇرۇلمىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياسالدى.