ئابستراكتلاشتۇرماق

①«ئابستراكتلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى. ②نەرسە ياكى ھادىسىلەرنىڭ مۇھىم ۋە مۇئەييەن بەلگە، قانۇنىيەتلىرىنى ئاجرىتىش مەقسىتىدە ئۇلارنىڭ بەزى ئەرزىمەيدىغان تەرەپلىرىنى ياكى باغلىنىشلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ تۇرۇپ پىكىر يۈرگۈزمەك.

ئابرۇيسىزلاندۇرۇلماق

«ئابرۇيسىزلاندۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى: بىر ئادەم ئايرىم زىيانكەشلەر تەرىپىدىن مەلۇم ۋاقىت ئابرۇيسىزلاندۇرۇلسىمۇ، تارىخ بەرىبىر بىر كۈنى ئۇنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى چۈشەندۈرىدۇ.