ئائىلە

ئىسىم [ئەرەبچە] ①ئەر-خوتۇن ۋە ئۇلارنىڭ بالا-چاقىلىرى ھەم ئەڭ يېقىن تۇغقانلىرىدىن ئىبارەت بىرگە ياشىغۇچى كىشىلەر توپى: ئۇ شۇ يول بىلەن بۇ ئائىلىنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە كىرىشىپتۇ. ②بىر مەقسەت، بىر مەسلەك بىلەن بىرلەشكەن كۆپ كىشىلەر: جۇڭگودىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئائىلىدە ئەللىك نەچچە مىللەت ياشايدۇ. ③<بىئولوگىيە> جانلىقلار سىستېمىسىدىكى تۈزۈلۈش جەھەتتىن بىر-بىرىگە ئوخشاش، كېلىپ چىقىش جەھەتتىن ئۆزئارا يېقىن بولغان ھەمدە بىرنەچچە ئۇرۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان گۇرۇپپا.

ئائىلىلىك

سۈپەت. ئائىلىسى، بالا چاقىسى ۋە رۇزىغارى بار، ئۆيلەنگەن ياكى ئەرگە تەگكەن: ئۇنىڭدا پېشقەدەم كادىرلار ئۈچۈن سېلىنماقچى بولغان بەش ئائىلىلىك قۇرۇلۇشنىڭ لايىھىسى سىزىلغانىدى.

ئائورتا

ئىسىم [رۇسچە] <ئاناتومىيە> ئادەم بەدىنىدىكى چوڭ ئارتېرىيە بولۇپ، ئۇ سول يۈرەك دالانچىسىدىن چىقىپ يۇقىرىغا سوزۇلۇپ، ئوڭغا قايرىلىپ، ئاندىن تۆۋەنگە ساڭگىلاپ ياي شەكلىنى ھاسىل قىلىدۇ. ئاندىن ئومۇرتقا بويلاپ تۆۋەنگە ساڭگىلايدۇ، كۆكرەك، قورساق قاتارلىقلاردا كۆپلىگەن كىچىك ئارتېرىيىلەرگە بۆلۈنىدۇ. ئۇ پۈتۈن بەدەننىڭ ھەرقايسى ئورۇنلىرىغا قان يەتكۈزۈپ بېرىدىغان ئاساسلىق تومۇر. ئۇ يەنە «چوڭ ئارتېرىيە» دەپمۇ ئاتىلىدۇ: ئائورتا يايى.

ئا

①ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنىڭ بىرىنچى ھەرپى ۋە شۇ ھەرپنىڭ نامى

②«ئاۋۇ» سۆزىنىڭ قىسقارغان شەكلى.

③رەت جەھەتتە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان شەيئىنى بىلدۈرىدۇ؛ ئا. سىنىپ. ئاۋۇ «1- يىللىق ئا» سىنىپقا كىرىڭ.

④يۈكلىمە سۆز. پېئىللارنىڭ ئاخىرىغا ئۇلىنىپ تەكىتلەشنى بىلدۈرىدۇ: چاققانراق بولۇڭا. تېزرەك ماڭغىنا. كېلىمەن دەمسىزا؟

⑤تۇرغۇن سۆزلەردىن پېئىل ياسايدىغان قوشۇمچە: ياش- ياشا. قېيىن- قېينا. ئويۇن- ئوينا

ئەۋەتمەك

پېئىل ①بىر جايدىن ئىككىنچى بىر جايغا كىشى بۇيرۇماق، ماڭدۇرماق: ئادەم ئەۋەتمەك. ②بىرەر نەرسىنى بىر جايدىن ئىككىنچى بىر جايغا بىرەر ۋاسىتە ئارقىلىق يوللىماق، يەتكۈزمەك، ماڭدۇرماق: دادام سىلەرنى ئۆز قولى بىلەن تېرىغان بۇغدايدىن يەپ باقسۇن دەپ، بىر تاغار ئەۋەتتى.