ئاۋۇ

ئالماش. سۆزلىگۈچى ئىشارەت قىلغان ئۆزىدىن يىراقتىكى شەيئىنى ئىپادىلەيدۇ ياكى ئايرىپ كۆرسىتىدۇ:-ئۇ پوپكىسىنى ماڭا بېرىپلا ئاۋۇ تەرەپكە يۈگۈرۈپ كەتتى، -دېدى خالىدەم بېشى بىلەن ئاكىسى كەتكەن تەرەپنى ئىشارەت قىلىپ.

ئاۋغۇست

ئىسىم [رۇسچە<لاتىنچە>] ①قەدىمكى رىم پادىشاھلىرىدىن (پاپالىرىدىن) بىرىنىڭ نامى. ئۇ مىلادىيە كالېندارىنى تۈزۈشكە باشلامچىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن 8-ئاينى شۇنىڭ نامىدا ئاتىغان. ②مىلادىيىنىڭ 8-ئېيى.