ئاۋانگارت

[رۇسچە<فرانسۇزچە>] ①ئىسىم. ھەربىي كۈچلەرنىڭ ياكى ھەربىي پاراخوتنىڭ دۈشمەنگە قارشى يۈرۈشتە ئالدىنقى سەپكە بارىدىغان ئىلغار قىسمى. ②سۈپەت. كۆچمە مەنىدىكى سۆز. ئىلغار: ئوقۇتقۇچى ئوقۇتۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلىۋاتقان ئاۋانگارت جەڭچى.

ئاۋام پالاتا

①بەزى دۆلەتلەردىكى ئىككى خىل پالاتا تۈزۈمىگە ئىگە پارلامېتنىڭ تۆۋەن پالاتاسىنىڭ يەنە بىر خىل ئاتىلىشى. ②بىر پالاتالىق تۈزۈم يولغا قويۇلغان دۆلەتلەردىكى پارلامېنتنىڭ نامى.