ئەندىزە

ئىسىم [پارسچە] ①كىيىم-كېچەك ياكى بىرەر باشقا نەرسە پىچىش، تەييارلاشتا ئۆلچەم قىلىدىغان ئۆرنەك، ئۈلگە: كىيىم ئەندىزىسى. گۈل ئەندىزىسى. ②كۆچمە مەنىلىك سۆز. ئۆرنەك؛ نەمۇنە: ئەندىزە قىلماق.

ئەنجۈر

ئىسىم [پارسچە] <بوتانىكا> ئۈجمە ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ، يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، مېۋىسى گۆشلۈك بولۇپ، خام چېغىدا يېشىل، پىشقاندا سارغۇچ قوڭۇر ياكى سۆسۈن قوڭۇر رەڭگە كىرىدۇ. ئۇنىڭ مېۋىسى، شېخى، يوپۇرمىقى ۋە يىلتىزىمۇ دورا قىلىنىدۇ؛ تەمى تاتلىق بولۇپ، تەبىئىتى مۆتىدىل، زەھەرسىز؛ بەدەنگە قۇۋۋەت بېرىپ، تالنى ياخشىلايدۇ، ئۈچەينى سىيلىقلاشتۇرىدۇ. رېماتىزمنى يوقىتىدۇ، قان توختىتىدۇ، سۈت ماڭدۇرىدۇ.

ئەنجىبار

ئىسىم [پارسچە] <بوتانىكا> قامچىئوت ئائىلىسىگە كىرىدىغان كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۈسۈملۈك. غولى يىلتىزسىمان توم، تىك، يەككە ئۆسىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ ۋە ساپاقسىز، مېۋىسى ئۈچ قىرلىق، قارا، پارقىراق كېلىدۇ؛ يىلتىزسىمان غولى دورا بولىدۇ؛ ئىسسىق قايتۇرۇش، زەھەرنى تارقىتىش، ئىششىق ياندۇرۇش رولىغا ئىگە.

ئەنبەھ

ئىسىم [پارسچە<ھىندىچە] <بوتانىكا> سىر دەرىخى ئائىلىسىدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان دەرەخ. يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، مېۋىسى بۆرەك شەكلىدە بولىدۇ، پىشقاندا سارغىيىدۇ، ئۈچكىسى چوڭ، تالالىرى بار، مېۋە گۆشى سېرىق، يېيىشكە بولىدۇ، شىرنىلىك، تەمى مەززىلىك بولۇپ «مانگو» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.