ئەنسىز

①سۈپەت. تىنچ، خاتىرجەم ئەمەس، ئەندىشىلىك، تەشۋىشلىك، قورقۇنچلۇق: ئەنسىز كېچە. // ئەنسىز ۋارقىرىماق. ③سۈپەت. ئېنى تار، ئېنى تاختا: ئەنسىز رەخت. ②سۈپەت. ئەن سېلىنمىغان، ئېنى يوق: ئەنسىز قوي. ئەنسىز كالا.

ئەنسىرەشمەك

«ئەنسىرىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى: قىزنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر قىزنىڭ «زۇنۇن لەقۋاغا ياتلىق بولماقچى ئوخشايدۇ» دېگەنگە ئوخشاش سۆز-چۆچەكلەرگە قېلىشىدىن بەكمۇ ئەنسىرىشەتتى.