ئەمەن

ئىسىم <بوتانىكا> مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئۇ ئەتىيازدا شورلۇق يەرلەر ۋە ئېرىق بويلىرىدا بالدۇر ئۆسىدىغان ياۋا ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئاق ئەمەن ۋە قىزىل ئەمەن قاتارلىق تۈرلىرى بار. تېبابەتتە قاننى سوۋۇتۇش، يەلنى قايتۇرۇش رولى بار.

ئەمەلىيەتچى

ئىسىم. ئەمەلىيەتنى ئۈستۈن كۆرىدىغان، ئەمەلىي تەجرىبىدىن ئۆتكۈزۈشكە بېرىلگەن ئادەم: بىر ئالىم ئۈچۈن ئەڭ ياخشى پەزىلەت، قىلچىمۇ ساختىلىق ۋە قۇۋلۇق قىلماسلىق، ئەمەلىيەتچى بولۇش.

ئەمەلىيەتچانلىق

ئىسىم. ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىدىغان كەيپىيات، ئەمەلىيەتكە ئىخلاس قىلىدىغان خۇسۇسىيەت: ئادىلە يولدىشىغا:-سىز بارغاندىن كېيىن ئامېرىكىلىق ساۋاقداشلار ۋە خىزمەتداشلار بىلەن چىقىشىپ ئۆتۈڭ. ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئەمەلىيەتچانلىقىنىمۇ كەمتەرلىك بىلەن قېتىرقىنىپ ئۆگىنىڭ، -دېدى.