ئەمەلىي

سۈپەت [ئەرەبچە] ①كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك پائالىيىتىگە، تۇرمۇشىغا ئائىت بولغان، ھايات بىلەن باغلىنىشى بار: دېھقانچىلىق ئىشلىرى دېھقانلارنىڭ كۈندىلىك ئەمەلىي ئىشىدۇر. ②ئەمەلىيەتكە تەتبىق قىلىنغان، تەجرىبە-سىناقلاردىن ئۆتكەن، تەجرىبە ئارقىلىق ئىسپاتلانغان، ھەقىقىي: ئەمەلىي تېخنىكا. ئەمەلىي بىلىم.

ئەمەل

ئىسىم [ئەرەبچە] ①<ماتېماتىكا> ماتېماتىكىلىق ھېسابنىڭ ھەر بىر تۈرى: تۆت ئەمەل. قوشۇش ئەمىلى. بۆلۈش ئەمىلى. ئىسىم [ئەرەبچە] ②مەنسەپ، ھوقۇق، ۋەزىپە: ئەمەل تۇتماق. ئەمىلى ئۆسمەك. ③كۈندىلىك ئىش، پائالىيەت، ئەمەلىيەت: ئەمەلدە كۆرسەتمەك. ئەمەلگە ئاشۇرماق.*ئېغىزدا بار، ئەمەلدە يوق (ماقال).*ئەمىلى يوق سوپىدىن تۇخۇمى يوق توخۇ ياخشى (ماقال).

ئەمەس

«ئەرمەك» ياردەمچى پېئىلىنىڭ بولۇشسىز سۈپەتدىشى بولۇپ، ئىنكار، رەت قىلىشنى بىلدۈرىدۇ: رەخت پۇل ئەمەس، ھۈنەر پۇل (ماقال). *قارا قاشىم بار مېنىڭ، كۆيدۈرمە قاش لازىم ئەمەس. بىر ئاداشىم بار مېنىڭ، ئىككى ئاداش لازىم ئەمەس.