ئەمگەكلىك

①سۈپەت. ئەمگەك قىلىنغان، ئەمگەك سىڭگەن؛ مېھنەتلىك: ئەمگەكلىك ئىشنىڭ ئاتىقى چىقار، قىلمىسا چاتىقى چىقار (ماقال).
②ئىسىم. دىئالېكت. جاپاكەشلىك، شورپېشانىلىك، تەلەيسىزلىك.

ئەمگەكچانلىق

ئىسىم. ئەمگەكنى سۆيىدىغان كەيپىيات، ئىشلەشنى ياخشى كۆرىدىغان خۇسۇسىيەت: ئۇ ئۆزىنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى ئەمگەكچانلىقى بارلىققا كەلگەنگە قەدەر بولغان جەرياننى ئەسلەپ، ئەمگەكنىڭ شەرەپلىكلىكىنى، ئەمگەك قىلماسلىقنىڭ نومۇس ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدى.

ئەمگەك ۋاسىتىلىرى

<ئىقتىساد> كىشىلەر ئەمگەك ئوبيېكتىگە تەسىر كۆرسىتىش ۋە ئۇنى ئۆزگەرتىشتە پايدىلىنىدىغان بارلىق ماددىي ۋاسىتىلەرنىڭ مەجمۇئەسى. ئۇ ئىشلەپچىقىرىش قورالى، يەر، ئۆي-ئىمارەت، يول، قانال، ئامبار قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىش قورالى ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ.

ئەمگەك

ئىسىم. ①ئەقلىي ۋە جىسمانىي جەھەتتە قىلىنغان ئىش، پائالىيەت؛ سىڭدۈرۈلگەن ئەجىر؛ مېھنەت: ساقىلىنى ساتقان قېرىدىن، ئەمگىكىنى ساتقان بالا ياخشى (ماقال). ②دىئالېكت. جاپا، غۇربەتچىلىك، قىيىنچىلىق.