ئەمدۈرمەك

«ئەممەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى: چۈنكى سەن پەپىلەپ، ئاق سۈت ئەمدۈرۈپ، تۈنلىرى يېنىمدىن ئايرىلماي باققان. يىغلىسام قايسى چاغ مەن قىلىپ خەقىش، قولۇڭغا سەن ئېلىپ باغرىڭغا ياققان.

ئەمدى

رەۋىش ①سۆز بولۇۋاتقان پەيتتە، ھازىر: مانا ئەمدى ھەممە ئىش جايىدا بولدى. ②سۆز سۆزلىنىۋاتقان پەيتتىن كېيىن، ھازىر: ئۇ ئەمدى كېلىدۇ. ③مەنىنى تەكىتلەش، كۈچەيتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان سۆز: خوش ئانا، كېتەي ئەمدى، مەكتەپكە يېتەي ئەمدى. بىلىم-ھېكمەت يولىغا جاننى بەخش ئېتەي ئەمدى.