Skip to content
  • UYGUR.COM
  • كۈتۈپخانا
  • بالىلار كۈتۈپخانىسى
  • بالىلار مۇنبىرى
  • UYGHUR.TV
ئۇيغۇر قامۇسى

UYGUR.COM

  • 🌐
  • ئا
  • ئە
  • ب
  • پ
  • ت
  • ج
  • چ
  • خ
  • د
  • ر
  • ز
  • ژ
  • س
  • ش
  • غ
  • ف
  • ق
  • ك
  • گ
  • ل
  • م
  • ن
  • ھ
  • ئو
  • ئۇ
  • ئۆ
  • ئۈ
  • ۋ
  • ئې
  • ئى
  • ي

ئەمچەكسىمان

0 128

سۈپەت. ئەمچەككە ئوخشايدىغان، ئەمچەك شەكىللىك: ئەمچەكسىمان ئۆسمە.

 Posted in تۈرى: ئە، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى
خەتكۈچلەر: «ئە» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

ئەمچەكداش

0 129

ئىسىم. ئېمىلداش.

 Posted in تۈرى: ئە، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى
خەتكۈچلەر: «ئە» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

ئەمچەك

0 145

ئىسىم ①ئاياللارنىڭ سۈت بەزلىرى جايلاشقان ئەزاسى: بالا يىغلىمىغۇچە ئانا ئەمچەك سالماس (ماقال). ②سۈت ئەمگۈزگۈچى ھايۋانلارنىڭ سۈت بېرىدىغان ئەزاسى، يېلىن.

 Posted in تۈرى: ئە، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى
خەتكۈچلەر: «ئە» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

ئەمچىلىك

0 134

ئىسىم. ئەملەش بىلەن شۇغۇللىنىش ئىشى، كەسپى: ئايۇپ ئاتا مىراس كەسپى ئەمچىلىكنى قايتا قولىغا ئالغاندىن كېيىن ھال-كۈنى تېزلا ياخشىلىنىپ كەتتى.

 Posted in تۈرى: ئە، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى
خەتكۈچلەر: «ئە» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

ئەمچى

0 135

ئىسىم. ئەملىگۈچى تېۋىپ؛ تومۇرچى: كۆپ ئاغرىغان ئەمچى بولۇر، كۆپ يۈرگەن يولچى بولۇر (ماقال).

 Posted in تۈرى: ئە، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى
خەتكۈچلەر: «ئە» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

ئەمبەللىك

0 132

سۈپەت ①ئەمبىلى بار، ئەمبەل ئورناتقان. ②ئەمبەل ياساشقا لايىق، باب: ئەمبەللىك تاختاي.

 Posted in تۈرى: ئە، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى
خەتكۈچلەر: «ئە» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

ئەمبەل

0 141

ئىسىم [خەنزۇچە] خېمىرنى زۇۋۇلا قىلىش، ئېچىش ھەم گۆش، سەي توغراش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان شال تاختا.

 Posted in تۈرى: ئە، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى
خەتكۈچلەر: «ئە» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

ئەمالىق

0 118

ئىسىم. كۆرەلمەسلىك ھالىتى، كۆرەلمەسلىك ئىللىتى: ئەمەت ئاكا كۆزىنىڭ ئەمالىقىدىن يورۇق دۇنيانىڭ ھۇزۇرىدىن بەھرىمەن بولالماي ئالەمدىن ئۆتتى.

 Posted in تۈرى: ئە، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى
خەتكۈچلەر: «ئە» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

ئەما، ئەماسى

0 135

سۈپەت [ئەرەبچە] كۆزى كۆرمەس؛ قارىغۇ: خۇرشىدە موماينىڭ نېمە ئۈچۈن ئەما بولۇپ قالغانلىقىنى ئىنچىكىلەپ سورىدىم.

 Posted in تۈرى: ئە، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى
خەتكۈچلەر: «ئە» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

ئەم

0 133

ئىسىم <تېبابەت> چېچەك ۋە بەزى باشقا كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېرە ئارقىلىق بېرىلىدىغان سۇيۇقلۇق.

 Posted in تۈرى: ئە، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى
خەتكۈچلەر: «ئە» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

ئەلەڭلەشمەك

0 124

پېئىل. كۆزى قاراڭغۇلىشاي دەپ قالماق، كۆزىگە قاراڭغۇلۇق تىقىلماق: ئىلياسنىڭ مەستلىكتە ئەلەڭلەشكەن كۆزلىرى ئويناپ كەتتى.

 Posted in تۈرى: ئە، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى
خەتكۈچلەر: «ئە» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

ئەلەڭلىمەك

0 133

پېئىل. ئىككى تەرەپكە كۈچسىز چايقالماق، ئېغىنىماق: ئۇ كەپىدىن چىقىپ ئەلەڭلەپ ئىككى تەرىپىگە نەزەر سالدى.

 Posted in تۈرى: ئە، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى
خەتكۈچلەر: «ئە» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

Posts pagination

<< 1 … 164 165 166 167 168 … 4,542 >>

تۈرلەر

  • ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى
  • ئۇيغۇر خەلق-ماقال تەمسىللىرى
  • ئۇيغۇرچە-ئىنگلىزچە ئاتالغۇلار لۇغىتى
  • ئۇيغۇر دوكتورلىرى
  • يازغۇچى-شائىرلار
  • جەمئىيەتشۇناسلار
  • ئۇيغۇرشۇناسلار
  • ئىنسانشۇناسلار
  • تەرجىمىھال
  • رەسساملار
  • مۇزىكانتلار
  • خەتتاتلار
  • دىن
  • تارىخ
  • سەنئەت
  • ئەدەبىيات
  • مەدەنىيەت
  • يېمەك-ئىچمەك
  • ماتېماتىكا
  • جۇغراپىيە
  • تېبابەت
  • خېمىيە
  • فىزىكا

كۇتۇپخانىدىكى قامۇسلار

  • ئۇيغۇر تېبابەت قامۇسى
  • ئۇيغۇر تائاملىرى قامۇسى
  • ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى قامۇسى
  • ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى قامۇسى
  • ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى قامۇسى
  • ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى

دىيارىمىز

  • ئۇيغۇر دىيارى
  • ئۈرۈمچى شەھىرى
  • قۇمۇل شەھىرى
  • تۇرپان شەھىرى
  • قاراماي شەھىرى
  • قەشقەر ۋىلايىتى
  • خوتەن ۋىلايىتى
  • ئاقسۇ ۋىلايىتى
  • ئالتاي ۋىلايىتى
  • تارباغاتاي ۋىلايىتى
  • قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى
  • بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى
  • بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى
  • ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى
  • سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى
  • بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەر

UYGHUR.TV
UYGHUR.TV/RADIO
ئۇيغۇر مەدەنىيەت فوندى
ئۇيغۇر كۇتۇپخانىسى
ئۇيغۇر كۇتۇپخانىسى
UYGHUR.TV
Balilar TV
UYGUR RESEARCH LIBRARY
Dîvânu Lugâti’t-Türk (Tam Metin PDF)
Kâşgarlı Mahmud
⇄ 🌐 ⇄

Copyright © 2026 UYGUR.COM

i n f o @ u y g u r . c o m

🌐

  Uyghurche (ULY) Уйғурчә (USY) Türkçe English