ئايدىڭ

سۈپەت ①ئاي نۇرى بىلەن يورۇغان، يورۇق: ئايدىڭ كېچە. *ئاينىڭ ئون بەشى ئايدىڭ، ئون بەشى قاراڭغۇ (ماقال). ②كۆچمە مەنىدىكى سۆز. روشەن، چۈشىنىشلىك: ھەممە نەرسە ئايدىڭ بولدى، بۇنداق بېشەم خوتۇنغا نېمە دېگىلى بولىدۇ؟

ئايدا-يىلدا

ئۇزاق ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈپ بىرەر قېتىم؛ ئاندا ساندا، بىرە-بىرە، ناگان-ناگاندا: ئەمدىلىكتە، ئەر-خوتۇن ئىككىيلەننىڭ پۈتۈن تىرىكچىلىكى قىزى چەت ئەلدىن ئايدا-يىلدا ئەۋەتىدىغان خالتىغىلا قاراشلىق بولۇپ قالدى.