ئاياللىق

سۈپەت ①ئايالى بار، خوتۇن ئالغان: ئاياللىق ئەر دېگەن تالاغا قارىسا سەت بولىدۇ. ②ئايال كىشىگە خاس، ئايال كىشىدە بولىدىغان: ئۇنى شۇ تاپتا ئاياللىق ۋىجدانى ئەيىبلىمەكتە ئىدى.

ئايالچە

سۈپەت ①ئايال كىشىگە خاس، ئايال كىشىگە ئاتالغان، ئاياللارغا مۇناسىپ: ئايالچە كۆڭلەك. ئايالچە سائەت. ②ئايال كىشىگە ئوخشاش، ئايال كىشى شەكلىدە: ئايالچە سۆزلىمەك. ئايالچە ياسانماق.

ئايال

ئىسىم [ئەرەبچە] ①خوتۇن-قىزلارنىڭ ئومۇمىي نامى، خوتۇن كىشى: ئاياللار بايرىمى. ئاياللار بۆلۈمى. ئاياللار كېسىلى. ②ئېرى بار خوتۇن، رەپىقە (ئۆز ئېرىگە نىسبەتەن):-ھەي مەخلۇق، قانداق يۈزۈڭ بىلەن مېنىڭ ئېرىم ئۈستىدە گەپ قىلىۋاتىسەن، -دەپتۇ كەمەك ھەييارنىڭ ئايالى.

ئاياق

ئىسىم ①ياغاچتىن ئويۇپ ياسالغان، تەخسىگە ئوخشاپ كېتىدىغان چوڭ قاچا: ئۇنىڭ قولىدا دەز كەتكەن بىر قاپاق، يېرىقلىرى چەمبەرلەنگەن قوپال ئاياق ۋە باشقا ئەسكى-تۈسكىلەر بار ئىدى. ②تارىختا جام، پىيالە، قەدەھ قاتارلىقلارمۇ بۇ نام بىلەن ئاتالغان: مەختۇمسۇلا ئۆز قولى بىلەن ئاياقلارغا سۈت ھارىقىنى تولدۇرۇپ قۇيۇپ بىر دەمدە ھەممىسىنى مەست قىلىۋېتىپتۇ.