ئاياغ

2. ئىسىم ①ئادەم، ھايۋان ياكى باشقا جانلىقلارنىڭ گەۋدىسىنىڭ تايىنىپ تۇرۇشى، يۈرۈشى ياكى ئۆمىلىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان قىسمى؛ پۇت: ئاياغ يۈگۈرۈكى ئاشقا، ئېغىز يۈگۈرۈكى باشقا (ماقال). *دوست باشقا قارايدۇ، دۈشمەن ئاياغقا (ماقال). 2. ②كۆن، خۇرۇم قاتارلىق رەختلەردىن پۇتقا كىيىش ئۈچۈن تىكىلگەن ئۆتۈك، توپلەي، كەشكە ئوخشاش ئاياغ كىيىمى: ئىشىم ھەل بولغۇچە ئايىغىمنىڭ چەمى تېشىلىپ كەتكۈدەك بولدى. ③يەنە بىر تەرىپى، يەنە بىر بېشى: كارىۋاتنىڭ ئايىغى. مەھەللىنىڭ ئايىغى. ④ئاخىر، داۋام: ئۇ شۇنداق زېرەك ئىدىكى، گەپنىڭ بېشى چىقىپ بولغۇچە، ئايىغىنى بىلىپ بولاتتى.

ئاي

1. ئىسىم <ئاسترونومىيە> ①يەر شارىنى ئايلىنىدىغان سەييارە، يۈزى ئوڭغۇل-دوڭغۇل بولۇپ تەكشى ئەمەس، ئۆزى نۇر چىقارماي، قۇياش نۇرىنى قايتۇرىدۇ. دىئامېتىرى يەر شارى دىئامېتىرىنىڭ تۆتتىن بىرىگە، تارتىش كۈچى يەر شارى تارتىش كۈچىنىڭ ئالتىدىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ. ②شەمسىيە ياكى قەمەرىيە يىلىنىڭ ئون ئىككىدىن بىرى: ئاينىڭ ئون بەشى ئايدىڭ، ئون بەشى قاراڭغۇ (ماقال). *ئايدا يېگەن توق بولار، كۈندە يېگەن ئاچ بولار (ماقال). 2. ③ئايغا ئوخشاش نۇرلۇق؛ چىرايلىق: تۇرمۇشۇمنى باي قىلارسەن كەتمىنىم، ئېغىزىمنى ماي قىلارسەن كەتمىنىم، ياخشى تۇتۇپ ئاسرىۋالسام كەتمىنىم، يۈزلىرىمنى ئاي قىلارسەن كەتمىنىم. ④ئاياللارنىڭ ئىسمىنىڭ تەركىبىي قىسمى بولىدۇ: ئايخان، ئاينۇر، ئايگۈل، گۈزەلئاي، تۇرسۇنئاي.

ئاي-كۈن

①ئاي ۋە كۈن. ②ۋاقىت، چېسلا: خېنىمغا ئايرىم كەشپىياتلارنىڭ ئايكۈنلىرى كېرەك ئەمەسمىكىن؟ ③(ئىككىنچى تەركىبىگە 3-شەخس تەۋەلىك قوشۇمچىسى قوشۇلغاندا) تۇغۇتنىڭ ۋاقتى سائىتىنى بىلدۈرىدۇ: زۆھرەنىڭ ئايكۈنى يېقىنلاشقانسېرى، پاتىمىنىڭ ئايىغى قويۇقلىشىپ، كۈندە دېگۈدەك سىڭلىسىنى يوقلايدىغان بوپتۇ.