ئانتېننا

ئىسىم [رۇسچە<لاتىنچە>] رادىئو، تېلېۋىزىيە دولقۇنلىرىنى تارقىتىش ياكى ئۆزىگە تارتىۋېلىش ئۈچۈن ئۆي-ئىمارەتلەرنىڭ ئۈستىگە ئورنىتىلغان سىملىق قۇرۇلما: رادىئو ئانتېنناسى. تېلېۋىزورنىڭ ئانتېنناسى. ئانتېننا ئورناتماق.

ئانتىگېن

ئىسىم [رۇسچە<گرېكچە] ①<بىئولوگىيە> ئورگانىك ماددا. ئۇ ئادەم ياكى ھايۋانلارنىڭ قان سۇيۇقلۇقى ئىچىگە كىرگەندىن كېيىن قان زەردىبىدە ئانتىتېلنى ھاسىل قىلىدۇ، شۇنىڭدەك ئانتىتېل بىلەن خىمىيىۋى رېئاكسىيىگە كىرىشىدۇ. ②<تېبابەت> ئورگانىزمدا ئىمۇنىتېتلىق رېئاكسىيە قوزغىيالايدىغان ماددىلارنىڭ ھەممىسى «ئانتىگېن» دېيىلىدۇ.