ئانىۋېشى

ئىسىم [ئانا+باش+ئى] <يېزىق تىلى> ①ئائىلە باشلىقى ياكى بىرەر جامائەتكە باش بولغان، ئۇنى باشقۇرۇپ تۇرغان ھۆرمەتلىك ئايال. ②بالىلار ئويۇنىدا ئىككى تەرەپ قاتناشچىلىرىدىن ھەربىرىنىڭ باشلىقى؛ باشلامچىسى.

ئانىلىق

سۈپەت ①ئانىسى بار، ئانىسى ھايات: ئاتىلىقلار ئاتام دېسە قۇيۇلدى ياشىم. ئانىلىقلار ئانام دېسە، ئېگىلدى باشىم. ②ئانىغا خاس، ئانىغا ئالاقىدار: ئانىلىق مۇھەببەت. ئانىلىق مېھىر. ③<بوتانىكا> ئانا تەرەپ بىلەن قانداشلىق ۋە ئۇرۇقداشلىق مۇناسىۋىتى بار بولغان: ئانىلىق تۈپ. ئانىلىق تەن. ئانىلىق گۈل.

ئانىكا

ئىسىم. ئانىسى ياكى ئانىسى قاتارلىق ئاياللارغا يېقىنچىلىق قىلىپ ئۇلارنى ھۆرمەتلەپ ئېيتىدىغان مۇراجىئەت شەكلى:-ئاھ، -دەپتۇ پەرىزات، -يامان قىلدىلا ئانىكا، مېنىڭ مايمۇن سۈرەتلىك نىقابىمنىڭ ئىس-تۈتەكلىرى ئاتا-ئانامنىڭ دىمىقىغا يېتىپ بارغان ھامان، ئۇلار مېنى ئىزدەپ كېلىدۇ.

ئانىسىنىڭ ئەمچىكىنى قاتتىق چىشلىگەن

تەلەيسىز، ئىشى ئوڭغا تارتمىغان، شور پېشانە:-ئانىسىنىڭ ئەمچىكىنى قاتتىق چىشلىگەنلەر بۇ ئىشنى قىلىدۇ، سىلەر ئەتە-ئۆگۈن بىلىپ قالىسىلەر، -دېدى ئۇ.